ئەقىدە ۋە كىملىك
ئىسلام دىنى مىللىي بىرلىكنى يارىتىدىغان ۋە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىمايە قىلىشتا رول ئوينايدىغان ئامىللارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن سانىلىدۇ. دىنى ئەقىدە (ئىسلام ئەقىدىسى) مىللەت، ۋەتەن ۋە مەدەنىيەتنى قوغداشتا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىمىز بولمىغان بولسا خېلى بۇرۇنلا كۆپ نەرسىلەرنى يوقىتىپ بولغان بولاتتۇق، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرغان ئەڭ كۈچلۈك ئامىل دىنىمىزدۇر.
دىنى بىرلىك مىللەتنىڭ ھاياتىدا تىلنىڭ تەسىرىدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە جانلىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ دىنى جەھەتتىن ئوخشىماسلىق ئەھۋالى كۆپىنچە بۆلۈنۈش ھالىتىنى يارىتىشقا سەۋەب بولىدۇ. دېمەك، دىنى ئامىل تىل ۋە تارىخ ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە كۈچ ئاتا قىلىدۇ.
ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى بولىدۇ، چۈنكى ئەقىدە ۋە پىرىنسىپ بولمىسا جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، مەدەنىيەت ۋە تارىخ بولمىسا ۋەتەننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، تۈزۈم ۋە قىممەت قاراش بولمىسا مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئېتىقادقا ئىگە بولمىغان بىرەر جەمئىيەتنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدا مەۋجۇت بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
ئىسلام مەدەنىيىتىدە ساغلام ئەقىدە مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىمايە قىلىدىغان ئىدىيە، كىملىك، غايە ۋە تەسەۋۋۇر كۈچىنى بېرىدىغان بىرىنچى كىملىك سانىلىدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتى تۈرلۈك مىللەتلەرنى باشقىلار ئارىسىدا يوقاپ كېتىشتىن ياكى توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.
ئىسلام مەدەنىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك خىسلىتىگە ئىگە مەدەنىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننى ھۆرمەتلەيدۇ، ئىنسانىي بىرلىكنى ئالقىشلايدۇ، ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى ھىمايە قىلىشقا قاتنىشىدۇ ۋە مەدەنىيەتنى ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئوخشىمايدىغان پەرقلىق خۇسۇسىيەتلەردىن شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ. باشقا مىللەتلەر بىلەن ھەقىقەت، بىلىم-مەرىپەت ۋە ئۆز-ئارا بىر بىرىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئالاقە قىلىشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي مەدەنىيىتىنى قوغدىشى تەبىئىي ھەققىدۇر، باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى بىكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى تېڭىشقا ئۇرۇنۇش ئەڭ خەتەرلىك مەدەنىيەت ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ.
ئىسلامدا ئەقىدە بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، دىنىنى سەمىمىي سۆيگەن ئىنسان ۋەتىنىنى سەمىمىي سۆيىدۇ، چۈنكى ئىسلام ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئىنسان تەبىئىتىدىكى تەبىئىي تۇيغۇ دەپ قارايدۇ. ۋەتەن ئىسلام دىيارىغا ئايلانغان كۈندىن بۇيان ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن ئىسلام بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئىسلام ۋەتەنپەرۋەرلىكنى خەلقلەرنىڭ ھەق ھوقۇقى، ۋەتەننى ھىمايە قىلىشنى مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى قىلىپ بەلگىلىگەن.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.