تەربىيەدە دادا بىلەن ئانىنىڭ سۆزى بىردەك بولۇشى لازىم
بالىلارنى تەربىيەلەش مەسىلىسىدە دادا بىلەن ئانىنىڭ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇلدا ئىتتىپاقلىشىۋالماسلىقى ئېغىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.
يەنى دادا بالىنىڭ بىر خاتا ئىشىغا جازا بەرسە، ئانىسى ئۇنى ئەركىلىتىپ بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ.
ئانا بالىنىڭ بىر خاتا ئىشىغا جازا بەرگەندە، دادىسى ئۇنى ئەركىلىتىپ بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ.
مەسىلەن، دادا بالىنىڭ بىر خاتالىقى سەۋەبىدىن بىرقانچە كۈن پۇل بەرمەسلىك ياكى كومپيۇتېر ئوينىماسلىق جازاسىنى قوللانغان بولسا، ئانىسى ئېرىگە ئۇقتۇرماي بالىسىغا پۇل بەرسە، ياكى كومپيۇتېرنى ئېچىپ بەرسە، دادىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
ئانا بالىغا قۇرئان ئوقۇمىغانلىقى ياكى تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بىرقانچە كۈن ئويۇن ئوينىماسلىق، ياكى ئاداشلىرى بىلەن سىرتقا چىقماسلىق جازاسى بەرگەن بولسا، دادىسى بۇ جازانى بۇزۇۋەتسە بولمايدۇ.
دېمەك، دادا بىلەن ئانىنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى بىردەك ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم.
دادىنىڭ سۆزى ئانىنىڭ سۆزى، ئانىنىڭ سۆزى دادىنىڭ سۆزى بولۇشى لازىم. گەپ ئىككىيلەن ئارىسىدا ئىككى خىل چىقىپ قالسا، بالا ئانىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن پايدىلىنىپ خاتا قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىدۇ. بۇ سەۋەبلىك تەربىيە ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شۇڭا، يۇ مەسىلىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.