بالىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى
1. بوش ۋاقىت تاپسا تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرۇپ، كىتاب ئوقۇشنى ئۇنتۇماقتا.
2. تېلېفونغا سائەتلەپ تېلېفونغا قاراپ، قۇرئاننى ۋە باشقا كىتابلارنى ئوقۇشنى ئېغىر كۆرىدىغان بولۇپ قالماقتا. شۇنىڭدەك قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى يوقلاپ تۇرۇشقا خوش ياقمايدىغان بولۇپ قالماقتا.
3. كومپيۇتېرغا ئىگە بولۇپ قالسا، ئۇنى ئىلمىي پايدىلىنىشقا، دەرس مۇزاكىرە قىلىشقا ۋە پايدىلىق پىروگراممىلارنى ئۆگىنىشكە ئىشلەتمەي، پايدىسىز ئويۇنلارنى ئويناپ ياشلىق باھارىنى ۋە كەلگۈسىنى زايە قىلماقتا.
4. ئىنستېگىرام، تىك توك، سىناپ…لارغا ئەزا بولۇپ قالسا، غايىسىنى ۋە كىملىكىنى ئۇنتۇماقتا، ئەخلاقىنى بۇزماقتا، بەزىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالمايدىغان بولۇپ قالماقتا.
5. تېلېفونلاردىكى (ئىنستېگىرام، تىك توك، سىناپ…) قاتارلىق نەرسىلەر مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلىپ بولالمىغان بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ئوغرىلايدىغان، ئەقىدىسىنى سۇسلاشتۇرىدىغان، ئەخلاقىنى بۇزىدىغان، ئىلمىي ھاياتىدىن مەشغۇل قىلىدىغان ۋە يامان ئىشلارغا يول ئاچىدىغان ۋاسىتىگە ئايلىنىپ قالماقتا.
بولۇپمۇ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارغا بۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدىغانلىقى، بەلكى بالىلارنىڭ ئەقىدىسىنى، ئەخلاقىنى بۇزىدىغانلىقى، ۋاقتىنى ئوغرىلاپ كەلگۈسىنى بۇزۇپ تاشلايدىغانلىقى ۋە ئىلىم- مەرىپەت ئېلىشتىن چېكىندۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنى ئىشلىشتىكە چەكىلمە قويۇش، ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلغاندىمۇ دەرسلىرى تولۇق تۈگىگەندىن كېيىن يەنى ئەسىر نامىزىدىن كېيىن كۈندە بىر ياكى ئىككى سائەتتىن ئارتۇق رۇخسەت قىلماسلىق، بالىلارنىڭ تېلېفونلىرىنى توغرا ئىشقا ئىشلىتىۋاتامدۇ ياكى خاتا ئىشقا ئىشلىتىۋاتامدۇ؟ پات- پات تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ناچار بولغان دوستلىرىنى بالىلارنىڭ تېلېفوندىن تازىلاپ چىقىرىش مۇھىم مەسىلىگە ئايلانماقتا.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
2022- ئىيۇن.