بالىنى ئۇرۇش ئۇنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈنۈم بېرەمدۇ؟
بالىنى ئۇرۇشنىڭ سەلبىي تەسىرلىرى كۆپ بولۇپ، بالىدا ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئوقۇتقۇچىسىنى يامان كۆرۈش، خورلۇق ھېس قىلىش، غەم قايغۇ، ياتسىراش، ئاتا-ئانىسىدىن ئېرىشەلمىگەن سۆيگۈ ۋە مېھرىبانلىقنى باشقىلاردىن ئىزدەش، ياۋايىلىق، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالماسلىق، پىكرىنى ساغلام ئىپادىلىيەلمەسلىك، خاتالىشىپ جازاغا ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ بىر ئىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئۆزىدىن كىچىكلەرنى ئۇرۇشنى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئىلغار چارىسى دەپ قاراش، باشقىلارغا قوپاللىق قىلىشقا ئادەتلىنىپ قېلىش… قاتارلىق ئىللەتلەرگە سەۋەب بولىدۇ، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، باشقىلار بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ئىككىلىنىپ ئەركىن مۇئامىلە قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ، ساغلام ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قۇرالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ…
شۇنىڭدەك بۇ ئۇسۇل بالىدا دائىم گۇناھ ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ ۋە ئۆزى سادىر قىلغان خاتالىقنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىق چۈشىنەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئاتا-ئانىسىدىن تاياق يىمەسلىكتە ئامانلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلالمايدىغان قىلىپ قويىدۇ. نەتىجىدە جىمىغۇر بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىشنى، قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە ھېچكىمگە گەپ قىلىشنى ۋە پىكرىنى دەپ بېقىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
تەربىيەتچىلەر، دوختۇرلار ۋە پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بالىنى ئۇرۇشنىڭ زىيانلىرى ۋە سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلايمىز:
1. بالىنى ئۇرۇش ئۇرغۇچىغا قارىتا نەپرەت پەيدا قىلىدۇ، نەتىجىدە ئىككىيلەننىڭ ئارىسىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ دەپ پەرەز قىلىنغان ئىجابىي تۇيغۇنى ئۆلتۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ.
2. بالىنى باشقۇرۇشتا ئۇرۇشقا تايىنىش بالا بىلەن ئۇرغۇچى ئارىسىدا ھۆرمەتلەش ۋە قەدىرلەش ئەمەس، قورقۇنچ ئالاقىسى پەيدا قىلىدۇ.
3. بالىنى ئۇرۇش ھوقۇق ئىگىلىرىگە، ياكى ئۆزىدىن چوڭلارغا ۋە كۈچلۈك كىشىلەرگە بويسۇنىدىغان بالىلارنى يېتىشتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ خىل تۈردىكى بويسۇنۇش بالىلارنىڭ شەخسىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يامان دوستلارغا قارىغۇلارچە ئاسان بويسۇنىدىغان ھالەت پەيدا قىلىپ قويىدۇ.
4. بالىنى ئۇرۇش قانائەتلەندۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلغان تەربىيە ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەمدە ئىشلارنى چۈشىنىش، توغرا بىلەن خاتانى ۋە ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئۆلچەم تىكلەش ئېڭىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلايدۇ.
5. بالىنى ئۇرۇش چوڭلار بىلەن كىچىكلەر ئارىسىدا سۆھبەتلىشىش، پىكىرلىشىش، تالاش – تارتىش قىلىش ئېڭىنى يوققا چىقىرىۋېتىدۇ . شۇنىڭدەك ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىش پۇرسەتلىرىنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.
6. بالىنى ئۇرۇش كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ۋە سۆيگۈ ئېھتىياجىدىن مەھرۇم قىلىپ قويىدۇ.
7. بالىنى ئۇرۇش يامان تەسىر قالدۇرۇپ قويىدۇ ۋە ئۈلگە تۇتۇشتىن مەھرۇم قىلىپ قويىدۇ.
8. بالىنى ئۇرۇش كۆپلىگەن بالىلاردا تەرسالىقنى ۋە يامان كۆرۈش ئېڭى يارىتىپ قويىدۇ.
9. بالىنى ئۇرۇش بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن ماسلىشالمايدىغان ياۋايى ۋە خىجىلچان قىلىپ قويىدۇ.
10. بالىنى ئۇرۇش ئۆزىنى چۈشىنىش، ئۆزىگە ئىشەنچ قىلىش، يۇقىرىغا ئىنتىلىش ۋە نەتىجە قازىنىش… قاتارلىق تۇرمۇش ماھارەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ ۋە ئىجتىمائىي ماھارەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
11. بالىنى باشقۇرۇشتا ئۇرۇشقا تايىنىش تەربىيە ماھارەتلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەلىك ئۇسۇلغا تايانغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ، كۆپىنچە بۇ ئۇسۇل ئۈنۈم بەرمەيدۇ.
12. بالىنى ئۇرۇش يۈرۈش- تۇرۇشنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىنى داۋالىغان بىلەن يىلتىزىدىن ھەل قىلالمايدۇ. شۇڭا، ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ۋاقىتلىق بولىدۇ.
13. بالىنى ئۇرۇش پىكىرنى تۈزىتەلمەيدۇ ۋە ئىستىلنى رۇسلىيالمايدۇ.
14. بالىنى ئۇرۇش سىرتقى جەھەتتىن ئۈنۈم بەرگەندەك تۇرغان بىلەن ئىخلاستىن يىراقلاشتۇرۇپ قويىدۇ، قورقۇپ ئىش قىلىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئىش قىلىشتىن جۈرئەتسىز قىلىپ قويىدۇ ۋە ئىشنى چوڭلار ئۈچۈن قىلىپ بېرىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئىشنى قانائەت، ئىخلاس، سۆيۈپ قىلىش، نەتىجە قازىنىش ۋە نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قىلمايدىغان قىلىپ قويىدۇ.
15. بالىنى ئۇرۇش بالىنى دادىغا يانىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
16. بالىنى ئۇرۇش قۇرئان يادلاتقان قارىمنى ۋە ئوقۇتقۇچىنى يامان كۆرىدىغان قىلىپ قويىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
01.07.2024 – كۈنى
بالىنى ئۇرۇش ئۇنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈنۈم بېرەمدۇ؟ pdf نۇسخىسى: