2025-يىل 26-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

سىياسىي جەھەتتىن تايىنى يوقلارنىڭ زامانى

سىياسىي جەھەتتىن تايىنى يوقلارنىڭ زامانى

(2)

كانادالىق پەيلاسوپ ئالان دىينولۇت (Alain Deneault) 2017- يىلى نەشر قىلغان «تايىنى يوقلارنىڭ ھاكىمىيىتى» (Mediocratie) ناملىق كىتابىدىكى بايانلارغا ئاساسەن يېقىنقى زاماندىكى دۇنيانىڭ سىياسىتىنى، بولۇپمۇ ئەرەب دۇنياسىدىكى سىياسىي ھاياتنى ئانالىز قىلىدىغان بولساق، بۈگۈنكى دۇنيانى تايىنى يوقلار ئىدارە قىلماقتا.

ئاخىرقى 15 يىلدا سىياسەتچىلەرنىڭ ئالدامچىلىقى، يالغانچىلىقى، ئىككى يۈزلىمىچىلىكى ۋە پۇرسەتپەرەسلىكى مەيداندا ئاشكارا نامايان بولۇشقا باشلىدى، خائىنلار ھاكىمىيەتكە چىقتى، راستچىل كىشىلەر خائىن دەپ تۆھمەت قىلىندى، نومۇسسىزلار نومۇسسىزلارچە گەپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، ئەقىلسىزلەر ۋەتەن- مىللەت مەسىلىسىدە سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى، بەزىلەر ئۆزلىرىنى بىردىنبىر توغرا يولدا دەپ دەۋا قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.

كۈنىمىزدە ئەرەب ئەللىرىدىكى ھاكىمىيەتلەر كىچىك ئەقىللەرگە ۋە ئەخمەقلەرگە بېرىلىدىغان بولۇپ قالدى، چۈنكى دۆلەتنى ئىدارە قىلماقچى ۋە كونترول قىلماقچى بولغان چوڭ ئىمپېرىيالىست كۈچلەر زېرەك كىشىلەرنىڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىنى خالىمايدۇ ۋە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلار يۆلەپ چىقارغان تايىنى يوقلار ئۇلارنىڭ پىلانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، يالغانغا ئىشىنىدۇ، بۇزغۇنچىلىق ۋە دىكتاتۇرلۇقنى پىرىنسىپلاشتۇرۇپ قانۇنلاشتۇرىدۇ.

«تايىنى يوقلارنىڭ ھاكىمىيىتى» ناملىق نەزەرىيەنىڭ ئىگىسى كانادالىق پەيلاسوپنىڭ كۆزقارىشى بويىچە، بۇلار يەنى تايىنى يوقلارنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا چۈشۈرۈشتە ئاجايىپ ئىقتىدارى بار. شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى، پورداقچىلىق قىلىش سىياسىتى، يېقىنلىشىش سىياسىتى ۋە پوزىتسىيە بىلدۈرمەسلىك سىياسىتى قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى بار. بۇلار خوجايىنلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ھەقىقەت مەيدانىدا، قىممەت قاراش ۋە دۆلەت مەنپەئەتى مەيدانىدا تۇرالماي نومۇسسىزلارچە بىر تەرەپلىمە تۇرۇش ھەققىدە گەپ قىلىپ ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلايدۇ.

تايىنى يوق سىياسەتچىلەر ئەتراپىدا تۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ شەرتلىرىنى بەلگىلەيدۇ، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچكە تايىنىپ ئۆزىگە ئوخشاش تايىنى يوق كىشىلەرنى ئەتراپىغا توپلايدۇ، زېرەك كىشىلەرنى پايدىلىق دەپ قارىمايدۇ، بەلكى دۈشمەن دەپ قارايدۇ ۋە مەيداندىن سىقىپ چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ.

ئاپتورنىڭ ئىپادىسى بويىچە تايىنى يوقلۇق بۈگۈنكى سىياسىي تۈزۈمنىڭ تېخنىكىسىغا ۋە دۇنيا سىياسىتىنىڭ ھازىرقى كۆرۈنۈشىگە ئايلىنىپ قالغان.

ھاكىمىيەت يېڭى دەۋردە زېرەك ۋە ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى يىراقلاشتۇرىدىغان، دۆتلەرنى ئەتراپىغا توپلايدىغان ۋە ئۇلارنى جەمئىيەتكە تاڭىدىغان بولۇپ قالغان. بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى ئالداپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى خالىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرىدىغان بولۇپ كەتكەن.

*****

ئاپتورنىڭ ئىپادىسى بويىچە تايىنى يوق ھاكىملار ئەتراپىغا يىغىۋالغان ياردەمچىلىرى، ئىتتىپاقداشلىرى، مەنپەئەتپەرەسلەر ۋە پۇرسەتپەرەسلەر تورى ئارقىلىق جەمئىيەتتە چۈشكۈنلۈك ۋە دۆتلۈكنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلمەكتە. جەمئىيەتنى دۆتلەشتۈرۈپ ھەممىسىنى دۆتلۈكتە، سىياسىي بۇزغۇنچىلىقتا ۋە چېرىكلىكتە بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. بۇلارنىڭ تۇتقان يولىدا دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ھەممىنىڭ ئاخىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ئاپتور يەنە تايىنى يوق ھاكىملارنىڭ ھاكىمىيەتكە بۆرىدەك ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى، ھاكىمىيەتكە چىقالمىسا، ئۇلارنىڭ تاشلاندۇق ئىنسانلار قاتارىدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى سۈپەتلىگەن. شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قالسا، سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ياكى سىياسىي مەنسەپتە تۇرۇشنىڭ تەبىئىي تەقەززاسىدەك زومىگەرلىكنى ۋە مۇستەبىتلىكنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

تايىنى يوقلار چوڭ مەنسەپلەرگە چىقىش ئۈچۈن پۇرسەتنى قاچۇرمايدۇ، بىر -بىرىنى يۆلەيدۇ، بىرىنى قوللىشىدۇ. بۇ يول ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى قولغا چۈشۈرىدۇ ۋە نوپۇزىنى كېڭەيتىدۇ. بۇ ئارقىلىق دۆتلۈك ھاكىمىيەتكە يېتىشنىڭ ئاچقۇچىغا ئايلىنىپ قالغان. دۆتلۈك ھاكىمىيەتكە تايىنىپ ھەقىقەتنى مونوپول قىلىۋالىدۇ ۋە ئۆزىنى مىللەتكە ئېتىراپ قىلغۇزۇشقا مەجبۇرلايدۇ. شۇنداق قىلىپ دۆلەتكە ئەڭ چوڭ خەتەرگە ئايلىنىدۇ ۋە دۆلەتكە دۈشمەن يەتكۈزەلمەيدىغان زىياننى يەتكۈزىدۇ.

ئاپتور زېرەكلەرگە خىتاب قىلىپ: مۇرەككەپ يېزىلغان كىتابلىرىڭنى تاشلا، يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى ئىشتىياقىڭنى تۆۋەنلەت، كۆزۈڭنىڭ ئۆتكۈرلۈكنىڭ باشقىلارنى ئەنسىرىتىدىغانلىقىنى ئۇنۇتما، يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويما، چۈنكى يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش تايىنى يوقلار ئۈچۈن قورقۇنچلۇق. ئۆزۈڭ ھەققىدە توختالغاندا، ئۆزۈڭنى ئاددىي ۋە دۆت كۆرسىتىش ئۈچۈن ھېس تۇيغۇڭنى ئاشكارىلاپ قويما. شۇنداق بولغاندا دۆتلەر قاتارىدىن تۈرگە ئايرىلىسەن. بۈگۈن زامان ئۆزگەردى، تايىنى يوقلار ۋەتەن-مىللەت كۈرىشىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرۇپ كەتتى، چوڭ مەنسەپلەرنى تۇتىدىغان بولۇپ كەتتى، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشۇڭ لازىم، چۈنكى زامان ئۆزگەردى، تايىنى يوقلار ھاكىمىيەت تۇتىدىغان بولۇپ كەتتى ۋە بىزنىڭ دۇنيايىمىزنى باشقۇرىدىغان بولۇپ كەتتى…

تايىنى يوقلار دۇنياسىدا، بارلىق تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئاللاھتىن ئالىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان ئىلاھىي ھەق دەۋاسى (Theocracy) ئېڭى بويىچە ئۇلارنىڭ كونتروللۇق ئاستىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئۇ قاناللارنىڭ رادىكاللىشىپ ئىلمىي مۇنازىرە ۋە ئەركىن تالاش – تارتىشقا پۇرسەت قويمىغانلىقىنى، ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى بازارغا سالىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلىش مۇمكىن. بۇ  زاماندا سىياسەت دۇنياسىنى، دۆلەت ساھەسىنى ۋە ئاممىۋى ئىشلارنى تايىنى يوقلار باشقۇرىدىغان بولۇپ كەتتى.

پەيلاسوپنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە تايىنى يوقلارنىڭ ھاكىمىيەت يىلتىزى ئەنگلىيەنىڭ بۇرۇنقى مەلىكىسى مارگېرىت تاتچىر (Margaret Thatcher)نىڭ زامانىدىن تارتىپ باشلانغان. ئۈ كۈندىن تارتىپ نامزاتلارنى تېخنىكا تەجرىبىسى ئاساسىدا سايلاش تۈزۈمى (Technocracy) ھاكىمىيەت مەيدانغا سىڭىپ كىرگەن ۋە سىياسەتنى شىركەت ۋە مەنپەئەت تۈزۈمى (governance) ئۇقۇمىغا ئالماشتۇرغان، خەلق ئىرادىسىنى جەمئىيەتنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئالماشتۇرغان، ۋەتەنداشنى شېرىك سۆزىگە ئالماشتۇرغان. نەتىجىدە ئاممىۋى ئىشلار قىممەت قاراش، پىرىنسىپ ۋە يۈكسەك چۈشەنچىلەر قۇرۇلمىسى ئاساسىدا باشقۇرۇلماي، ئىدارە تېخنىكىسىغا بويسۇنىدىغان بولۇپ قالغان، دۆلەت خۇسۇسىي شىركەتكە ئايلىنىپ قالغان، ئاممىۋى مەنپەئەت بىر بۆلەك كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئايلىنىپ قالغان. سىياسەتچى ئۆز گۇرۇھىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغان لوبىچىلىق (Lobbying) پائالىيەتچىگە ئايلىنىپ قالغان.

تايىنى يوقلارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈمىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك، قىممەت قاراشلىق ۋە پىرىنسىپچان كىشىلەر -ئاسان غەلىبە ئىستەيدىغان ئۆزلىرىدىن تۆۋەن بولغان- تايىنى يوق كىشىلەرنىڭ پايدىسى ئۈچۈن چەتكە قېقىلىدۇ. ئەپسۇسكى ئىككىنچى تۈردىكى ئىنسانلار ئويۇننى ئوينايدۇ، چۈنكى بۇ ئىش ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتنى ئاددىيلاشتۇرۇش، كۈچ چىقارماسلىقتىن ئىبارەت تەبىئىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. تايىنى يوق كىشىلەر بىرىنچى دەرىجىدىكى كىشىلەرنىڭ دەرىجىسىگە ئۆرلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دەرىجىسىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ ئارقىلىق تايىنى يوق كىشىلەر ئۆزلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىممەت قاراشقا ئىگە كىشىلەرنى ھەرتۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ساھەسىگە جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر قىسىم كىشىلەر ئۈچۈن تۆۋەنگە چۈشۈش يۇقىرىغا ئىنتىلىشتىن ئاسانغا توختايدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە 2001- يىلدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تايىنى يوقلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئاجايىپ چوڭ خىزمەت قىلغان، خەلقلەرنى ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدىغان قىلىپ قويغان. ئۇنىڭ ئىپادىسى بويىچە بۇ ئۇرۇشتا خەلق ئىرادىسىنى قولىغا قايتۇرۇپ ئېلىش ئورنىغا، تايىنى يوقلارغا باش ئىگىپ، ئۇلارنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان.

ئاپتور تايىنى يوقلار ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىش لازىم؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

بىزنى يۇقىرىغا ئىنتىلدۈرمەيدىغان ياكى تەرەققىي قىلدۇرمايدىغان ھەرقانداق قىزىقتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش،

كاللىسى قۇرۇق ئىدارىچىلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا يول قويماسلىق،

چوڭ ئەقلىي چۈشەنچىلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،  

ۋەتەنداشلىق، ئادالەت، باراۋەرلىك، خەلق، پىكىر ئەركىنلىكى، ئىجتىمائىي ھوقۇق، ئاممىۋى خىزمەت، ئاممىۋى مەنپەئەت ۋە خەلق مەنپەئەتى ئۇقۇملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

پىكىر قىلىش بىلەن ئىش ھەرىكەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇقۇمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تايىنى يوقلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش،

سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئاڭنى يۈكسەلدۈرۈش،

بوشاشماي ئىش ھەرىكەت قىلىش،

تايىنى يوقلۇققا ۋە دۆتلۈككە يول قويماسلىق ۋە قارشى تۇرۇش…تىن ئىبارەت.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.

20.08.2024 – كۈنى. ئىستانبۇل .