مىللىي روھنىڭ خاراكتېرى
مىللىي روھ: مىللەتكە مەنسۇپ بولۇشتا، مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن (مىللىي، دىنىي، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت) كىملىكىگە رىئايە قىلىشتا، مىللەتنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلىشتا، مىللەتنىڭ پىرىنسىپال خاراكتېرلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا، مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئىلىم- مەرىپەتلىك بولۇشتا، سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيىتى بويىچە ھەرىكەت قىلىشتا نامايان بولىدۇ. مانا بۇنى ھەقىقىي مىللىي روھ دېيىشكە بولىدۇ.
ئەمما ئاتا- ئانىسى ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئۆزى يىلدا بىرقانچە قېتىم ئۇيغۇرچە دوپپا كىيىۋالسىمۇ، لېكىن تىلى ئۇيغۇرچە بولمىسا، ئەخلاقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، يۈرىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن سوقمىسا، دۇنيا قارىشى مىللىتىنىڭ دۇنيا قارىشىغا ماسلاشمىسا، مىللىتىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي قىممەت قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلمىسا، تاجاۋۇزچى خىتايلارنى بىردىنبىر دۈشمەن دەپ قاراپ سىياسىي كۈرەشتە يېرىنى ئالماي بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالسا، ئۇ شەخسنى مىللىي روھقا ئىگە دېگىلى بولمايدۇ.
مىللىتىنىڭ ئەقىدە ئەركىنلىكى، ئىنسانىي ھوقۇقلىرى ۋە ۋەتەن- مىللەت ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش سېپىغا ھەسسە قوشمايدىغان كىشىلەرنى مىللىي روھقا ئىگە دېگىلى بولمايدۇ.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
دىننى چۈشىنىش ئەركىنلىك قائىدىسى
تايىنى يوقلارنىڭ زامانى
ئىختىيارى قۇللۇق