بالىلارغا تېلېفون بەرگەندە، قانداق نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ؟
ئاتا-ئانىلار شۇنى ياخشى بىلىشى كېرەككى، ئەقىللىق تېلېفون ۋە ئايپەد كېچىك بالىلارغا پىسخىكا جەھەتتىن، جىسمانىي جەھەتتىن، ئەخلاقى جەھەتتىن، ئۇيقۇ جەھەتتىن ۋە مېڭىگە زىيان قىلىش جەھەتتىن ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك كىتاب ئوقۇشتىن زېرىكتۈرۈپ قويىدۇ ھەمدە بالىلارنىڭ تۇتۇۋېلىش، ئەسكە ئېلىش، دىققىتىنى يىغىش ۋە مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
بولۇپمۇ بالىلارنىڭ يوتۇبتىكى ( shorts)، فىسبۇك ۋە ئىنىستىگىرامدىكى (reels ) قىسقا ۋىدىيولارنى كۆرۈشى ياكى تېز سۈرئەتلىك ئويۇنلارنى ئوينىشى دىققىتىنى چېچىۋېتىدۇ، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يادلاش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى بەك تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، تېلېفونغا خۇمار بولۇپ قالغاندا چېچىلاڭغۇ ۋە قوپال قىلىپ كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ھۇرۇن ۋە مەسئۇلىيەتسىز قىلىپ قويىدۇ، ئائىلە مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ ھەمدە يالغۇزلۇقنى خالايدىغان ۋە بىر يەرگە بارغىلى ئۇنىمايدىغان ياۋايى قىلىپ دوستلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.
بالىلار يوتۇپ، ئىنىستېگىرام ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ناچار ۋە ئەخلاقسىز كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ قېلىشى يىراق ئەمەس، بۇنىڭدىن ساقلانماق بەك تەس بولۇپ كەتتى، ئېلان ئارقىلىق ھەرخىل بۇزۇق ۋە ناچار كۆرۈنۈشلەر ئۇشتۇمتۇت كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدىغان بولۇپ كەتتى. نەتىجىدە بالىنىڭ ئەقلىنى، ئەخلاقىنى ۋە دىنى چۈشەنچىسىنى بۇزۇپ تاشلىماقتا.
ئىنتېرنىتنى كونترول قىلماستىن كېچىك بالىلارنىڭ ئەقىللىق تېلېفون ۋە ئايپەد ئوينىشىغا كۆپ رۇخسەت قىلغان، ياكى بالىنىڭ يىغىسىدىن بىزار بولۇپ تېلېفون ئوينىشىغا كۆندۈرۈپ قويغان ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ گۇناھىنى تارتىدۇ. رۇخسەت قىلغاندىمۇ كۆزىتىپ تۇرۇپ بىرقانچە مىنۇت ئەتراپىدا بەك ئاز ۋاقىت رۇخسەت قىلىش لازىم. چۈنكى ئاللاھ ھەربىر ئاتا-ئانىدىن بالىلارنىڭ ئىمانى، پىكرى ۋە ئەخلاقى تەربىيەسى ھەققىدە سوئال سوراق قىلىدۇ. ئاتا – ئانا بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ توغرىدا: «ھەر بىرىڭلار مەسئۇل، ھەممىڭلار مەسئۇلىيەت دائىرەڭلاردىن ھېسابقا تارتىلىسىلەر» دەيدۇ (بۇخارى بايانى). شۇڭا، پايدىلىق نەرسىگە رۇخسەت قىلىش، پايدىسىز نەرسىلەرنى كۆرۈشىگە رۇخسەت قىلماسلىق لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
01.08.2024- كۈنى