بالىڭىزغا كۆڭلىدىكى تۇيغۇنى ئىپادىلەشنى ئۆگەتمەكچى بولسىڭىز
ھەر كۈنى كەچتە بالىڭىزدىن:
بالام، بۈگۈن قايسى ياخشى ئىشنى ئۆگەندىڭىز؟
بۈگۈن قايسى ئىش بىلەن خۇرسەن بولدىڭىز؟
بۈگۈن قايسى ئىش كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلدى؟
بۈگۈن نامازلارنى تولۇق ئادا قىلدىڭىزمۇ؟ …
دېگەندەك بىرقانچە سوئاللارنى سوراپ پاراڭلىشىشنى كۈندىلىك ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىڭ.
شۇنداق قىلسڭىزبالىڭىزغا باشقىلار بىلەن قانداق ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىقىشنى ئۆگىتەلەيسىز.
بالىڭىزنىڭ بۈگۈن قانداق ئۆتكەنلىكىنى ۋە نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلەلەيسىز.
بالىڭىزغا -سىزدىن خىجىل بولۇپ بولسىمۇ- ھەركۈنى يېڭى بىر نەرسە ئۆگىنىش رىغبىتىنى سىڭدۈرەلەيسىز.
بالىڭىزغا كۆڭلىدىكى تۇيغۇلىرىنى ۋە گەپ – سۆزلىرىنى چىرايلىق شەكىلدە توغرا ئىپادىلەشنى ئۆگىتەلەيسىز.
ئاخىرىدا، بالىڭىزنى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۆيۈپ قويۇڭ، بالىڭىز بىلەن خاپىلىشىپ قالغان بولسىڭىز ئۇخلاشتىن ئىلگىرى مەسىلىنى چىرايلىق شەكىلدە ھەل قىلىپ، خاتىرجەم ئۇخلاش ئۈچۈن يارىشىۋېلىڭ.
بالىلىرىڭىز ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن ھەربىرىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ،ئاخىرقى قىسقا ئۈچ سۈرىنى ئوقۇپ توغرا يولدا مېڭىشىغا، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەسلىككە دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. چۈنكى دۇئا بالىلار تەربىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم قورال ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.