تارىخ ۋە كىملىك
تارىخ مىللەتكە كىملىكىنى ئەسلىتىدۇ، شەخسىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىدۇ. تارىخ مىللەتنىڭ خاتىرىسى ۋە تۇيغۇ بىرلىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ، تارىخىنى يوقاتقان مىللەت تۇيغۇسىنى يوقىتىدۇ ۋە ئېغىر ئۇيقۇغا كىرىپ كېتىدۇ.
تارىخ مىللەتلەرنىڭ ئەينىكى بولۇپ، مىللەتنىڭ ئۆتمۈشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان، ھازىرنى تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان ۋە كەلگۈسىگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنى كەلگۈسى ئەۋلادلارغا توغرا يەتكۈزۈش لازىم. قۇرئان تارىخنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ: «ئۇلارنىڭ قىسسىلىرىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئىبرەت بار» دەيدۇ (يۈسۈپ سۈرىسى، 111-ئايەت).
تارىخ مىللەتلەرنىڭ ئەينىكى، خاتىرىسى ۋە تەجرىبىخانىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، تارىختا نۇرغۇن ساۋاقلار بار، چۈنكى تارىخ پۈتۈن بىر ئەۋلادنىڭ ئەقىل نەتىجىسىدۇر. تارىخىنى ياخشى ئوقۇيالمىغان مىللەتلەر ھازىرنى ياخشى يېتەكلىيەلمەيدۇ ۋە كەلگۈسىنى ئۈنۈملۈك تۈزۈپ چىقالمايدۇ. تارىخىنى ئەينەن ساقلاپ قالالمىغان مىللەتلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى تارىخىدا ئەكس ئېتىدۇ، مىللەت تارىخى بىلەن تېرىلىدۇ ۋە تارىخىنىڭ يوقىلىشى بىلەن يوقىلىدۇ.
تارىخ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن مىللەت ۋە دىن دۈشمەنلىرى تارىخنى ساختىلاشتۇرۇش ۋە تارىخى ھەقىقەتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇپ، كۆپلىگەن ھەقىقەتلەرنى بۇزۇۋېتىدۇ ۋە تارىخنى ئۆزلىرىنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن ھالدا ئويدۇرۇپ يېزىپ چىقىدۇ.
تارىخ مىللەتنىڭ كىملىكىنى، ئەھۋالىنى، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى، دۈشمەنلەرنىڭ تاكتىكىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇنداقلا تارىخ مىللەت ھاياتىدىكى ئېسىل ئۆرنەكلەرنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ، پاسسىپ ۋە مەغلۇپ بولۇش تەرەپلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
تارىخ ئۆتمۈشنىڭ سىياسىتى بولسا، ھازىرنىڭ سىياسىتى كەلگۈسىنىڭ تارىخى بولغانلىقى ئۈچۈن تارىختا نۇرغۇن ئىبرەت ۋە بۈيۈك ساۋاقلار يوشۇرۇنغان بولىدۇ: «ئى مۇھەممەد! بۇ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا ئېيتقىنكى، «زېمىندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈڭلار» (ئەنئام سۈرىسى، 11-ئايەت).
تارىخنىڭ مىللىي ھەرىكەتلەردە تەسىرى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۆتمۈشتىكى قەھرىمانلىق مىللىي ھېسسىياتنى قوزغاپ، مىللەتنىڭ ئۇيقۇسىنى ئاچىدۇ ۋە دائىم ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەققىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بىر مىللەتنىڭ ئورتاق تارىخى مىللىي بىرلىكنى كۈچەيتىش ۋە مىللىي سۆيگۈنى كۈچلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى سانىلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.