نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ئاياللارنىڭ غەم قىلىشىنى خالىمايدۇ
ئاللاھ قەسەس سۈرىسىدە: «ئۇنىڭ خۇرسەن بولۇشى ۋە قايغۇرماسلىقى ئۈچۈندۇر» دەيدۇ (13- ئايەت).
ئەھزاب سۈرىسىدە: «ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشى ۋە قايغۇرماسلىقى ئۈچۈن» دەيدۇ (51- ئايەت).
مەريەم سۈرىسىدە: «غەم قىلمىغىن، رەببىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن ئاقىدىغان بىر ئېرىق پەيدا قىلدى» دېدى (24- ئايەت).
قەسەس سۈرىسىدە: «ئەنسىرىمىگىن ۋە قورقمىغىن» دېگەن (7- ئايەت).
بۇ ئايەتلەر ئاياللارنىڭ قايغۇرماسلىقى ھەققىدە توختالغان، چۈنكى ئاياللارنىڭ قايغۇسى چوڭقۇر بولىدۇ، تۇيغۇسى نازۇك بولىدۇ، غەم – قايغۇ ئاياللارنىڭ چىرايىنى ۋە گۈزەللىكىنى يوقىتىپ تاشلايدۇ ھەمدە بەدىنى جەھەتتىن ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، ئانىڭىزنى بىرەر ئېغىز قوپال سۆز ياكى ھۆرمەتسىزلىك بىلەن رەنجىتمەڭ، چۈنكى جەننەت ئانىلارنى رازى قىلىشقا باغلىقتۇر.
ئاچىڭىز ياكى سىڭىلىڭىزغا قوپال مۇئامىلە قىلماڭ، چۈنكى ئۇلار مېھىر ، كۆيۈنۈش ۋە قېرىنداشلىقنىڭ نامايەندىسىدۇر.
قىزىڭىزنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ، ئۇنىڭغا تەبەسسۇم بىلەن قاراڭ ۋە تەلىپىنى ئورۇنلۇق بولسا ئورۇنلاپ بېرىڭ، چۈنكى ئۇ مېھىر مۇھەببەتنىڭ بۇلىقىدۇر.
قىز-ئاياللارغا ياخشى ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدۇر.
ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەڭ ۋە غەم قايغۇ قىلىشىغا سەۋەب بولماڭ، چۈنكى ئۇلار سىزدىن ئازار يەپ قالسا، قاتتىق قايغۇرۇپ كېتىدۇ ۋە غەمگە پېتىپ كېتىدۇ.
ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشقا ۋە كەيپىياتىنى ياخشى ساقلاشقا تېرىشىڭ، چۈنكى ئائىلىدە ئانىنىڭ ياكى ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىسا، ئائىلىنى سوغۇقلۇق باسىدۇ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇلار ئاللاھتىن قالسىلا رىزىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر ۋە بەخت- سائادەتنىڭ سەۋەبىدۇر.
***
ئەمدى بېشىمىزنىڭ تاجى بولغان خانىم- قىزلارغا دەيمىزكى، سىلەر ئەرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، گەپ سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتە سىلىق سىپايە بولۇڭلار، ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك ھەر دائىم تەبەسسۇم قىلىپ تۇرۇشنى، ئەرگە ئىتائەت قىلىشنى، ئەرنىڭ يۈز ئابرۇيىنى قوغداشنى ۋە ئەرنى خۇرسەن قىلىشنى ئىبادەت دەپ چۈشىنىڭلار.
بوش ۋاقتىڭلاردا ئىلىم – مەرىپەت ئېلىش ئۈچۈن تېرىشىڭلار، دىنىڭلارنى ساغلام چۈشىنىش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇڭلار، بالىلىرىڭلارنى تەربىيەلەشكە يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىڭلار.
ئەرنى ئاياڭلار، ئەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتماڭلار، ئەرنىڭ تۇرمۇشتىكى بېسىملىرىنى يەڭگىللىتىڭلار، مودا قوغلىشىپ ياكى بەسلىشىپ ئىسراپخورلۇق قىلماڭلار، ئورۇنسىز چاي ئويناپ ئەرنى قىينىماڭلار.
مودا قوغلاشقاننىڭ ئورنىغا ۋە ئورۇنسىز چاي ئوينىغاننىڭ ئورنىغا ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت كۈرىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىڭلار، قىيامەت كۈنى ئەسقېتىش ئۈچۈن سەدىقە قىلىڭلار، خەيرى ئېھساننى كۆپ قىلىڭلار.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى توپلىغان مال دۇنيا قالىدۇ، يىغقان لاتا-پەتىلەر قالىدۇ، لېكىن سىلەر ئۆز قولۇڭلار بىلەن قىلغان خەيرى ئېھساننى ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە ئېلىپ ماڭىسىلەر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.