بالىلار تەربىيەسىدە كەم بولسا بولمايدىغان قائىدىلەر
1. ئائىلىگە ئىنتىزام بېكىتىش:
ئائىلىدە ئىنتىزام بېكىتىش بالىلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ چوڭ بولغانغا قەدەر يۈرۈش تۇرۇشىنى رەتكە سېلىشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. بالىلارنى ھاياتىدا تەرتىپسىزلىك ۋە قالايمىقانچىلىقتىن خالىي ھالدا توغرا ئۇسۇل بىلەن تەربىيەلەشتە نەتىجە قازانماقچى بولغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇخلاش ۋاقتى، ئويغىنىش ۋاقتى، تاماق يېيىش ۋاقتى، دەرس ۋاقتى، ناماز ۋاقتى ۋە ئويۇن ۋاقىتلىرىغا رىئايە قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈشى كېرەك.
2. بالىلارنى تەربىيەلەشتە قوپال ئۇسۇل قوللىنىشتىن ساقلىنىش:
بالىلارنىڭ ئىستىلىنى توغرا ئۇسۇلدا تۈزىتىش ئۈچۈن، بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپ قوپال مۇئامىلە قىلىشتىن، ئېغىر جازا بېرىشتىن ۋە ھاقارەتلەيدىغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.
بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارنى ئۇرماستىن ياكى ئېغىر جازالىماستىن چىرايلىق ئۇسۇل بىلەن توغرا يولغا يۈزلەندۈرۈشكە ھەمدە بىرقانچە كۈن تېلېۋىزور كۆرۈشتىن ياكى بىر مەزگىل ئويۇن ئويناشتىن، ياكى بىر مەزگىل تېلېفون قوللىنىشتىن… مەھرۇم قىلىشقا ئوخشاش جازا ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. بالىلارغا دىننىڭ ئاساسلىرىنى ئۆگىتىش:
دىنى ئەقىدە بالىلارنىڭ پىسخىكىسىغا ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىستىلىنى توغرا شەكىلدە تۈزىتىشكە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، بالىلارغا ساغلام تەربىيەلەش ئۈچۈن كىچىكىدىن تارتىپ ئەقىدە، ئىبادەت ۋە ئەخلاق ئاساسلىرىنى ئۆگىتىش، ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان كىتابلارنى ئېلىپ ئوقۇتۇش، نامازغا كۆندۈرۈش، قۇرئان ئوقۇشقا ۋە يادلاشقا تەشەببۇس قىلىش، پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنى ئوقۇپ بېرىش، چىرايلىق ئۇسۇلدا نەسىھەت قىلىش، ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسەتلەرنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرۈش، ھايات ئىشلىرىدا ھالال- ھارام ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش… ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بالىلارنىڭ چوڭ گۇناھ ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
4. ئاتا-ئانىنىڭ گۈزەل ئۈلگە بولۇشى:
بالىلارنى توغرا ئۇسۇلدا تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاتا- ئانا كۈچىنىڭ يېتىشىچە بالىلارغا ئۈلگە بولۇشقا ئۇرۇنۇشى لازىم. مەسىلەن، ئاتا-ئانا ھەركۈنى نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشتا، قۇرئان ئوقۇشتا، ئىسلامى كىتاب ئوقۇشتا ئۈلگە بولۇشى لازىم. شۇنىڭدەك بالىلارغا سەت گەپلەرنى قىلماستا، سەت تىللىماسلىقتا، يالغان گەپ قىلماسلىقتا ۋە ئائىلە قىيىنچىلىقىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. يەنە تېلېفون ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاقىت زايە قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆپ قوللانماسلىقتا ۋە گۇناھ بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆرمەسلىكتە ۋە ئاڭلىماسلىقتا ئۈلگە بولۇشى لازىم.
5. بالىغا يېقىنلىشىش ۋە دوست بولۇش:
بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ بالاغەتكە يەتكەن باسقۇچلىرىدىمۇ دائىم يېقىن تۇرۇش، بالىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دەپ تۇرۇش، قۇچاقلاپ سۆيۈپ تۇرۇش، ھۆرمەت بىلەن گەپ قىلىش، بالىنىڭ توغرا پىكرىنى ھۆرمەتلەش، گەپ – سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بېرىش، ھەركۈنى بىر ئاز بولسىمۇ پاراڭلىشىپ تۇرۇش، ئوقۇشلىرىنىڭ ۋە مەكتەپتىكى ئەھۋالىنىڭ قانداق كېتىۋاتقانلىقىنى سوراپ تۇرۇش… ئارقىلىق دوست سۈپىتىدە يېقىنلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.
مانا بۇلار بالىلار تەربىيەسىدىكى مۇھىم قائىدىلەردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.