تىكەن ئۈستىدە مېڭىش
ۋىجدان ئىگىلىرىنىڭ يولى مۇشەققەتلىك بولىدۇ، ياخشىلارنىڭ يولى قىيىنچىلىق، توسالغۇ ۋە تىكەنلەر بىلەن قورشالغان بولىدۇ.
ۋىجدان ئىگىلىرى ۋە ياخشى كىشىلەر ياخشىلىقنى كۆتۈرۈپ ماڭسىمۇ، ئۇنىڭغا تۇزكورلۇق قىلىدىغان ۋە قارشى چىقىدىغان كىشىلەر تېپىلىپ تۇرىدۇ. ياخشى كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن ئەقىدە ۋە مىللەت كۈرىشىنى قىلىۋاتسىمۇ، ئۇلارنىڭ غېمىنى يەۋاتسىمۇ، ئۇلارنىڭ يارىسىنى تېڭىۋاتسىمۇ ۋە ئاجىزلىرىغا ياردەم قىلىۋاتسىمۇ، ئۇلارغا توسالغۇ بولىدىغان ئادەملەر چىقىپ تۇرىدۇ.
كۈرەش مەيدانىدا، ئىش-ھەرىكەت مەيدانىدا ئەخلاقلىق ۋە ۋىجدانلىق كىشىلەر قىيىنچىلىق ئىچىدە قالىدۇ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەردە قەلبى كۆكسى كەڭرى ۋە ئوت يۈرەك كىشىلەر دائىم دېگۈدەك پىشكەنلىك ۋە ئېغىر ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدۇ.
ھەقىقەت يولىنىڭ تىكەن بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى، بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى، دەرد-ئەلەملەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
ناھەق يولىغا قارىسا، ئۇ يولنىڭ خىيانەت ۋە ۋىجدانسىزلىق بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى ھەمدە ئۇ يولىنىڭمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. چۈنكى ناھەق يولدا ماڭغۇچىلارمۇ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ ۋە ۋىجدان ئازابىغا دۇچ كېلىدۇ.
ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت كۈرىشىگە زىيانكەشلىك قىلىپ ۋىجدانىنى ساتىدىغان كىشىلەر پۇلنى ئالغان چاغدا بىر مەزگىل خۇرسەن بولۇۋالىدۇ، لېكىن ئۆلگەندە قان يىغلايدۇ ۋە ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ.
ئەمما ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەت كۈرىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ۋە ساغلام پىرىنسىپ ئۈستىدە تۇرغانلار يول ئۇزۇن بولسىمۇ، دەرد-ئەلەم، غەم-قايغۇ ۋە مۇسىبەتلەرگە دۇچ كەلسىمۇ، يەنىلا نېمەت ئىچىدە ھېس قىلىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇلارغا روھىي خاتىرجەملىك ۋە ئىرادە ئاتا قىلىدۇ.
ھەقىقەت پىرىنسىپلىرىدا چىڭ تۇرۇش ئۆلۈمگە باشلاپ بېرىشى مۇمكىن. لېكىن قورقۇنچاقلىق ئىگىسىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالمايدۇ. ئەمما ھەقىقەت مەيدانىدىن قېچىپ ئۆلگەن كىشىلەر نومۇس ۋە خورلۇق ئىچىدە ئۆلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي