دادا بىلەن ئوغۇلنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى
دادا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت سۆيگۈ- مۇھەببەت، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئائىلىچە دوستانە مۇئامىلىدە بولۇش، مەسىلىنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش، ھەر تەرەپ كۆڭلىدىكى گەپنى ئەركىن ئىپادىلەش ئۈستىگە قۇرۇلۇشى لازىم. ئائىلىدە سۆيگۈ- مۇھەببەت، سۆھبەت، كۆيۈنۈش ۋە ئۆزئارا چۈشەنچە بولمىغاندا، ئوغۇل بالىلار دادىسىغا ئىشەنمىگەنلىكتىن سىرلىرىنى دادىسىغا دېمەي دوستلىرىغا دەيدىغان ۋە دوستلىرىدىن مەلۇمات ئالىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ قالىدۇ.
دادا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
1. ئوغۇل بالىغا كېچىكىدىن تارتىپ ئەقىدە ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ تولۇق بېرىلمەسلىكى،
2. ئوغۇل بالىغا نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە قۇرئان كەرىمگە ئەھمىيەت بېرىش تەربىيەسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى،
3. ئوغۇل بالىغا كېچىكىدىن تارتىپلا چوڭ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن بۈيۈك نىشان تىكلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرماسلىق ۋە ئۇنىڭغا يۈزلەندۈرمەسلىك،
4. ئوغۇل بالىغا نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېرىشىپ ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە بىلىم ئېلىشنىڭ پەرزلىكىنى تەشەببۇس قىلماسلىق،
5. ئوغۇل بالىنى ئۇرۇش، ئۇنىڭغا ۋارقىراپ گەپ قىلىش،
6. ئۇنىڭغا كۆپ تەھدىت سېلىش،
7. ئۇنىڭغا تەنقىدنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلىش ، ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەنقىد قىلىش، ياكى كۆپ بۇيرۇق بېرىش،
8. بالىنى ئاگاھلاندۇرماي ۋە سەۋەبىنى بايان قىلماي تۇرۇپ جازالاش،
9. بالىنىڭ تەجرىبىسىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، بالا خاتالىشىپ بولغۇچە تەنقىد قىلىش،
10. بالا بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ ئورنىغا -خۇددى بالا گۇناھكاردەك- ئۇنى سوراققا تارتىش،
11. بالىنىڭ تۇيغۇسىنىڭ نازۇك ۋە ئاددىي بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ تۇيغۇسىنى تايىنى يوق، ئاقماس، كېرەكسىز دېگەندەك گەپلەر بىلەن مەسخىرە قىلىش،
12. بالىنىڭ بۇرۇن قىلىپ سالغان خاتالىقلىرىنى دائىم ئەسلىتىپ يۈزىگە سېلىش، دادا بىلەن بالا ئارىسىدا يىراقلىشىش پەيدا قىلىدۇ.
13. بالىنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلمەسلىك، بالىغا يېقىنلاشماسلىق ۋە بالىنىڭ خاراكتېرىنى ۋە ئېھتىياجىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنماسلىق،
14. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بولغان سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى ۋە كۆيۈنۈشىگە بولغان ئېھتىياجىنى توغرا شەكىلدە قاندۇرماسلىق،
15. دادا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى سۆيگۈنىڭ توڭلاپ قېلىشى،
16. دادىنىڭ بالىلىرىغا بولغان سۆيگۈسىدە، مۇئامىلىسىدە ۋە ھەدىيەسىدە ئادىل بولماسلىق،
17. دادا بىلەن ئوغۇلنىڭ ئارىسىدا كۆڭۈل بۆلۈش، ھۆرمەتلەش ۋە ئىشەنچىنىڭ بولماسلىقى،
18. ئورۇنسىز خاپۇلاپ، بالىغا ئىشەنچ بېرەلمەسلىك ۋە جازالىنىشتىن خاتىرجەم قىلماسلىق،
19. بالىنىڭ ئاددىي خاتالىقلىرىنى كەچۈرمەسلىك ۋە كۆز يۇمماسلىق.
20. بالىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى ئىپادىلەشكە پۇرسەت بەرمەي، سۆزىنى بۆلۈۋېتىش ياكى گەپ قىلغىلى قويماسلىق،
21. بالىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇش،
22. بالىغا زۇلۇم قىلىش ياكى ياخشى كۆرمەسلىك،
23. دادا بىلەن بالىنىڭ ئارىسىدا پىكىرلىشىشنىڭ بولماسلىقى،
24. دادا بىلەن ئانىنىڭ سۆزىنىڭ بىردەك بولماسلىقى،
25. دادا بىلەن ئانىنىڭ كۆپ جېدەل قىلىشى،
26. دادا بىلەن ئانىنىڭ بىر-بىرىنى ھۆرمەتلىمەسلىكى،
27. بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئۈمىدسىزلىنىش،
28. دادىنىڭ ئوغلى بىلەن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكۈزمەسلىكى، ئايرىم پاراڭلىشىپ كۆڭلىدىكى گەپنى بىلىشكە ئۇرۇنماسلىقى، خۇسۇسىي قىيىنچىلىقلىرى بولسا ھەل قىلماسلىقى، بىرگە ساياھەت قىلماسلىقى ياكى بەزى ئويۇنلارنى بىرگە ئوينىماسلىقى،
29. بىر قىسىم ئانىلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى دادىسىدىن يوشۇرۇپ، ۋاقتىدا تەربىيە قىلىپ تۈزىتىش پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويۇشى، دادا بىلەن بالا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلەشتۈرۈپ قويىدۇ.
30. ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرىغا قوپال مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم كېچەك… دېگەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ قويماستىن قارار قىلىۋېتىشى، دادا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ناچار بولۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ.
31. بالىغا يېشىدىن، ياكى پىكرىدىن، ياكى ئىقتىدارىدىن يۇقىرى كېلىدىغان ئىشلارنى بۇيرۇش مۇناسىۋەتنى يىرىكلەشتۈرىدۇ.
32. جەمئىيەتتىكى ناچار دوستلارنىڭ خاتا ئىدىيەلىرى، بۇزۇق ئىستىللىرى ۋە يامان ئادەتلىرىنىڭ تەسىرى دادا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ.
33. بالىلارنىڭ ئىنتېرنېت دۇنياسىدا كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشى، كىملىكى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيغۇن بولمىغان ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كېزىپ يۈرۈپ، تەپەككۇرى ۋە ئەخلاقنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى دادا بىلەن ئوغۇلنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
34. بالىلار ئېكران ئالدىدا كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزگەندە، باشقىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرالمايدىغان ۋە يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە دادا بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى سۆيگۈ- مۇھەببەت ئاجىزلايدۇ، ئاتا بىلەن بالا ئارىسىدا يوچۇق ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ.
بالىلار بۇ نۇقتىدا شۇنى بىلىشى كېرەككى، تېلېفون دادىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، تېلېفون دادىغا ئوخشاش سۆيگۈ، كۆيۈنۈش، كۆڭۈل خاتىرجەملىكى، بەخت سائادەت، توغرا يول ۋە توغرا مەسلىھەت بېرەلمەيدۇ.
مانا بۇ سەۋەبلەر بالا بىلەن دادىنىڭ، بالا بىلەن مۇئەللىمنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقىغا ئېلىپ بارىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.