قەلبتىن شەيتاننىڭ تەسىرىنى چىقىرىش زۆرۈر
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات سەپىرى قەلبىنى يېرىپ شەيتاننىڭ تەسىرىنى چىقىرىۋېتىش ۋەقەلىكى بىلەن باشلانغان. بۇ ھادىسىنىڭ نىداسى قەلبتىن شەيتاننىڭ تەسىرىنى چىقىرىپ تاشلاشنىڭ لازىملىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
شۇڭا، قەلبتىن شەيتاننىڭ تەسىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا ھەرىكەت قىلىش مۇسۇلماننىڭ بىرىنچى قەدىمىدۇر. قەلبتىن شەيتاننىڭ تەسىرىنى چىقىرىپ تاشلاش ھەرقايسى ساھەدە يېتەكچى بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر.
شەيتاننىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى ئىشلار: غاپىللىق، كىبىرلىك، مەنمەنچىلىك، مەنسەپ تەمەسى، شۆھرەتپەرەسلىك، ئاشقۇنلۇق، پاسسىپلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە نەپسى خاھىشىگە بېرىلىش قاتارلىقلار…
كۈرەش ۋە جىھاد مەيدانىدىكى ئادەملەرنىڭ بۈيۈك كۈرەش يولىغا چىقىشتىن ئىلگىرى قەلبىدىن شەيتاننىڭ تەسىرىنى چىقىرىپ تاشلىشى زۆرۈر، چۈنكى كۈرەش ئادەملىرى ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرنىڭ يولىدا مېڭىۋاتقان كارۋان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي