يېڭىدىن توي قىلغان قىزلارنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن
نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا سەل قارىماڭ،
ھەركۈنى قۇرئان ئوقۇپ ئاللاھ بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا سەل قارىماڭ،
تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ھەر نامازدا دۇئا قىلىڭ.
ئېرىڭىزگە توغرا ئىشلاردا ئىتائەت قىلىشنى ئىبادەت دەپ بىلىڭ،
ئېرىڭىزگە دائىم چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئۇرۇنۇڭ،
ئېرىڭىزگە قىزغىن ھېسسىيات ۋە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئاياللىقىڭىزنى نامايان قىلىڭ،
ئېرىڭىزگە ئوچۇق چىراي ئېچىپ تۇرۇڭ، چۈنكى ئەر كىشى قاپىقىنى ئاچمايدىغان، تەبەسسۇم قىلىشنى بىلمەيدىغان، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ياكى خوش قىلىشنى بىلمەيدىغان ئايالنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئېرىڭىزنى نېمىنىڭ خوش قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇڭ ۋە شۇ بويىچە ئىش قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم بولىدۇ.
ئېرىڭىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا رىئايە قىلىپ ياشاڭ، ئېرىڭىزنى ئاياڭ، مودا قوغلاشماڭ،
ئېرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەندە تەرسالىق قىلماڭ، كۆز قارىشىڭىزدا – توغرا بولسىمۇ- چىڭ تۇرۇۋالماڭ، چۈنكى ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ تەرسالىق قىلىشىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئېرىڭىزنىڭ ئاچچىقى كېلىپ قالغاندا گەپ قىلىشقا ئۇرۇنماڭ، كۆپ تاكاللاشماڭ، ئاچچىقى يانغاندا ئاندىن پاراڭلىشىڭ،
ئېرىڭىزنىڭ سىزنىڭ دادىڭىزنى، ئانىڭىزنى ۋە قېرىنداشلىرىڭىزنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەڭ،
ھەر يەردە ئېرىڭىزنىڭ ئابرۇيىنى قوغداڭ، باشقا ئاياللارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدىغان گەپ سۆزنى قىلىپ سالماڭ.
ئېرىڭىزنىڭ ئېغىزىغا تېتىغۇدەك تاماق ئېتىپ بېرىشكە سەل قارىماڭ، بىلمىسىڭىز ئالاھىدە بىرقانچە ئاي ۋاقىت چىقىرىپ ئۆگىنىڭ، چۈنكى ئۆيدە ئېتىلگەن تاماق ئەرنى ئۆيگە باغلايدۇ ۋە ئارىڭىزدىكى مېھىر مۇھەببەتنى كۈچەيتىدۇ.
بەدىنىڭىزنىڭ، كىيىم-كېچەكلىرىڭىزنىڭ، ئۆيىڭىزنىڭ ۋە ئاشخانىڭىزنىڭ پاكىز بولۇشىغا ۋە رەتلىك تۇرۇشىغا سەل قارىماڭ،
ئوقۇيدىغان بولسىڭىز ئوقۇشنى باھانە قىلىپ ئەرنىڭ ھەققىگە سەل قارىماڭ، تاماق ئىشلىرىدا ئېرىڭىز بىلەن ئوتتۇرھال يولدا كېلىشىپ ئوقۇشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
ئېرىڭىز سىرتتىن كىرگەندە ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ھۆرمەتلەپ قارشى ئېلىڭ،
ئېرىڭىز سىرتقا چىقىدىغاندا ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۇزۇتۇپ قويۇڭ،
بەزىدە ئېرىڭىزنىڭ مېھمانلىرى ئۆيگە كەلسە، تەملىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرىڭ، چۈنكى بۇ ئەرنى ھۆرمەتلىگەنلىكتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي