ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلار
1. قەلبنىڭ غاپىللىقى شەكلى دىندارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. مېتود خاتالىقى ئازغۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. كىملىك ۋە قىممەت قاراشقا رىئايە قىلماسلىق ئىدىيە توقۇنۇشى، بۆلۈنۈش، پارچىلىنىش ۋە ساتقۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ئىماننىڭ ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. ئىمانى قېرىنداشلىققا رىئايە قىلماسلىق پاسىقلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ھەل قىلماي كۆپ شىكايەت قىلىش ئادەمگەرچىلىكنى يوقىتىۋېتىدۇ.
7. ئۆزئارا كۆپ مالامەت قىلىش دوستلۇققا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ.
8. تەمەخورلۇق ۋە ھەسەتخورلۇق قىممىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.
9. بىپەرۋالىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ.
10. نادانلىق ۋە ئاڭسىزلىق ئىشلارنى بۇزۇپ قويىدۇ.
11. ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن مېۋىنى ئۈزۈشكە ئالدىراش زىيان ئېلىپ كېلىدۇ.
12. سۆرەلمە سەۋرچانلىق ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ ۋە كەسكىنلىكنىڭ گۈزەللىكىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
13. كىبىرلىك باشقىلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ.
14. ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىماي ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش قىلىش مەغلۇبىيەتكە باشلاپ بارىدۇ.
15. سەپرا مىجەزلىك، بىشەملىك، بىلەرمەنلىك، بەك كەسكىنلىك، ئورۇنسىز جىددىيلىشىپ كېتىش، پىلانسىز ئالدىراڭغۇلۇق قىلىش… ئىللەتلىرى شەخسىلەر ياكى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، شەخسنىڭ ھۆرمىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، باشقىلارنى قاچۇرۇپ قويىدۇ، ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ، ئەقىدە ۋە ۋەتەن- مىللەت يولىدىكى سىياسىي كۈرەش روھىغا ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
ئائىلىنى قوغداش ۋە مۇسۇلمانچە ياشاش مۇھىم
زۇلۇمغا ئۇچرىغان مىللەت مەزلۇم ھەم زالىم مىللەتتۇر
قېرىنداشلىقنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟