ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مەۋجۇتلۇقى ئىسلامى ۋە مىللىي مەركەزنىڭ شەكىللىنىشىگە باغلىق.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىسا مۇھىم ئىككى نەرسىگە موھتاج بولىدۇ.:
1. بىرلىك، ھەمكارلىق ۋە قېرىنداشلىق روھىنى ئىپادىلەيدىغان مەسچىت ياكى ئىسلام مەركىزىگە موھتاج بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق مىللەت دىنىي كىملىكىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى قوغداپ قالالايدۇ.
2.كىملىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى، تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىللىي مەركەزگە موھتاج بولىدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، مىللەت مۇھاجىرەت ھاياتىدا بىر پۈتۈن كىملىكىنى، قىممەت قارىشىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەسچىت، مەكتەپ ۋە پائالىيەت مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان مىللى مەركەز قۇرۇپ چىقىشقا ئىنتايىن موھتاج.
مەسچىت كىچىك بولسىمۇ چوقۇم بولۇشى لازىم. مەكتەپ ياكى سىنىپ كىچىك بولسىمۇ چوقۇم بولۇشى مۇھىم، ئىجتىمائى پائالىيەت مەيدانى كىچىك بولسىمۇ بولۇشى مۇھىم.
مۇسۇلمانلار مۇھاجىرەت ھاياتىدا مەسچىت سېتىۋالغان بولسا، مەسچتىنى ئىبادەت ئۈچۈن ھەم مەكتەپ ئۈچۈن ئىشلىتىپ پايدىلىنالايدۇ.
مىللىي مەركەز سېتىۋالغان بولسا، يەنىلا بىر ئېغىر ئۆيىنى مەسچىت، بىر ئېغىز ئۆيىنى ئۇيغۇر سىنىپى قىلىش ئارقىلىق. مىللىي ۋە ئىسلامىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
دۇنيانىڭ ھەممە ئەللىرىدە كىملىك ۋە مەۋجۇتلۇقنى قوغدايدىغان مىللىي مەركەزنى سېتىۋېلىش ياكى كىرالاش.. ئارقىلىق بولسىمۇ پەيدا قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇنى ھاسىل قىلمىغان بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى بىرقانچە يىلغا قالماي، ئەقىدىسىنى، تىلىنى، كىملىكىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي