يېڭىدىن توي قىلماقچى بولغان قىز – يىگىتلەرگە
توي قىلماقچى بولغان قىز-يىگىتلەرنىڭ دىنىي، پىسخىكا ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشى، ھەربىرى ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلىرىنى بىلىشى، يىگىتلەرنىڭ قىزلارنىڭ پىسخىكىسىنى ۋە ئېھتىياجلىرىنى چۈشىنىشى بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ.
يىگىتلەر ۋە قىزلار توينىڭ جىسمانىي ۋە پىسخىكا تەلەپ بولۇشتىن سىرت ئىبادەت ئىكەنلىكىنى، ئۇممەتنىڭ ساپالىق سانىنى ئاشۇرۇش، ئەقىدىلىك ۋە ئەخلاقلىق ساغلام ئائىلە قۇرۇش، مىللەتنىڭ نەسلىنى ۋە كىملىكىنى ھىمايە قىلىش، ئىلىم-مەرىپەتلىك ۋە ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەش… ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى بىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.
ئاتا-ئانىلار توي قىلماقچى بولغان يىگىتلەرگە ۋە قىزلارغا توي ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلارنى ۋە يېڭى ھاياتنىڭ تەقەززالىرىنى مۇناسىپ تىلدا چۈشەندۈرۈشى ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا بۇ توغرىدا توغرا چۈشەنچە بەرمىگەندە، ياشلار بۇ توغرىدىكى مەلۇماتلارنى دوستلىرىدىن ئېلىپ خاتا ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
ھايات جۇپتىنى تاللاش يىگىتنىڭ ۋە قىزنىڭ ھەققىدۇر. يىگىتنىڭ تاللاش ھەققى بولغاندەك قىزنىڭمۇ تاللاش ھەققى بولىدۇ، ئوغۇلنىڭ قىزنى كۆرۈش ھەققى بولغاندەك، قىزنىڭمۇ كۆرۈش ھەققى بولىدۇ.
قىز ياكى يىگىت تاللىغاندا چىرايىنى ياكى پۇلىنى ئاساس قىلماي، دىيانىتىنى، ئەخلاقىنى ۋە ئاڭ-سەۋىيەسىنى ئاساس قىلىپ تاللاش پەيغەمبەرىمىزنىڭ سۈننىتىدۇر ۋە بەختلىك بولۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر.
ئاتا-ئانا قىزىنى مۇئەييەن بىرسىگە توي قىلىشقا زورلىماي قايىل قىلالىسا، قىزنىڭ تۇرمۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك ، ياراملىق يېگىت ئۇچراپ قالغاندا، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ قىز تەرەپ توي تەكلىۋېنى ئاچسىمۇ بولىدۇ.
يىگىتلەرنىڭ ۋە قىزلارنىڭ توي قىلىشتىن ئىلگىرى توي قىلىشتىكى ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرىنى بىلىشى، توينىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت، بىر-بىرىگە كۆيۈنۈش، بىر-بىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئۈستىگە قۇرۇلىدىغانلىقىنى چۈشىنىشى، ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقۇق- مەجبۇرىيەتلىرىنى ياخشى بىلىشى ئائىلىنىڭ ئىناق ۋە بەختلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
شۇنىڭدەك، يىگىتلەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر-ئاياللىق ھاياتىنىڭ بويتاق ھاياتقا ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىشى، بويتاق ۋاقتىدا كۆنۈپ قالغان كۆپ ۋاقتىنى ئاداشلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان، كېچىدە ئۇخلىمايدىغان، ئاخشاملىرى ئۆيگە كەچ قايتىدىغان، تاماكا چېكىدىغان، بوش ۋاقتىنى فىلىم كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان… دېگەندەك خاتا ئادەتلىرىنى تاشلاپ، بوش ۋاقىتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئائىلىسىدە ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم.
توي قىلىش مەسىلىسىدە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار:
1. يىگىت ياكى قىز تاللاش مەسىلىسىدە ئاتا-ئانىلار، ياكى يىگىت – قىزلار ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى، قىممەت قاراشلىرىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، كەلگۈسىدە ۋەتەن- مىللەتكە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى ئويلىسا، ئۆز مىللىتىدىن يىگىت ياكى قىز تېپىپ توي قىلىشى مىللىي مەجبۇرىيەت سۈپىتىدە ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
2. يىگىتلەر ۋە قىزلار توي قىلىشنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك مەسئۇلىيەت ۋە ئامانەت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كېرەك.
3. تويلۇقنى ئازايتىش، توينىڭ چىقىملىرىنى يەڭگىللىتىش، قىزلارنىڭ مەدەنىيىتىمىزگە ماس كەلمەيدىغان پەقەت بىر قېتىم كىيىدىغان توي كۆينىكىنى ئالىمەن دەپ ئىسراپ قىلماي، ھەر مۇناسىۋەتتە كىيگىلى بولىدىغان ئەتلەسكە ئوخشاش مىللىي كىيىملەرنى كىيىش، يىگىتنىڭ دوستلىرى ئىككىدىن ئارتۇق ئىلغار ماشىنىلارنى كىراغا ئېلىپ ئىسراپ قىلماي، ماشىنا كىراسىغا تۆلەيدىغان پۇلنى يىگىتنىڭ يېڭى ئائىلىسىگە كېرەكلىك ئېلېكتىرونلۇق سوۋغاتلارنى ئېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
4. توي كۈنلىرىدە ئۆمۈردە بىر قېتىم كېلىدىغان پۇرسەت دەپ گۇناھ خاراكتېرىدىكى ئىشلارنى سادىر قىلماسلىق، تويلاردا قىز- ئوغۇل ئارىلىشىپ ئۇسۇل ئوينىماسلىق، توينىڭ يارىشىقى سۈپىتىدە نەغمە – ناۋا قىلىدىغان بولسا، ساما سېلىشقا ئوخشاش نورمال ناخشا – ئۇسۇللار بىلەن كۇپايىلىنىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
5. يىگىتلەرگە ئەسكەرتمە سۈپىتىدە قىلىنىدىغان ئالاھىدە تەۋسىيە شۇكى، توي كېچىسى ئايالىڭىزغا قاملاشمىغان دورىلارنى ئېچىپ بۆرىدەك ھۇجۇم قىلىپ قىزغا جىسمانىي ۋە پىسخىكا جەھەتتىن زۇلۇم قىلماڭ، قىزنىڭ سىزدىن نەپرەتلىنىشكە سەۋەب بولماڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەركەكلىكنى ئىسپاتلايدىغان مەيدان بۇ ئەمەس. ھەممە ئىشنىڭ تەبىئىي بولۇشى ھەر جەھەتتىن پايدىلىق.
6. قىز- يىگىتلەر نىكاھ قىلىنىشتىن بۇرۇن ھالال بولىدىغان ۋە ھارام بولىدىغان ئىشلارغا دىققەت قىلىشى لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.