ئۈمىد ھايات پايچېكى ۋە قۇتقۇزغۇچى ئامىل
ئۈمىد ھايات ئۈچۈن نىشان ۋە قىممەت بېرىدىغان كۈچلۈك ئامىلدۇر، ئۈمىدنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى قىممىتى بۈيۈك بولىدۇ، چۈنكى ئۈمىد ئىنسانغا كۈچ قۇۋۋەت، ئىرادە، ساغلاملىق ۋە يۇقىرىغا ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى ئاتا قىلىدۇ.
ئۈمىدلىك بولۇش دائىم ھەرىكەت قىلىش دېمەكتۇر، يېڭىلىق يارىتىش دېمەكتۇر، ئۆزگەرتىش روھىغا ئىگە بولۇش دېمەكتۇر ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن ياشاش دېمەكتۇر.
ئۈمىد ھاياتىڭىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئاچقۇچىدۇر، سىز بۇ ئاچقۇچتىن توغرا ۋە ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان ئىمانىڭىزنى كۈچلەندۈرۈڭ، ئىمكانىيىتىڭىز يەتكەن مىقداردا ئىش-ھەرىكەت قىلىڭ ۋە گۈزەل ھاياتنىڭ سەۋەب-چارە قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىڭ.
سىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئاللاھقا بولغان ئۈمىدىڭىزنى كەسمەڭ، ھەر زامان ئۈمىدۋار بولۇڭ، ئۈمىدىڭىز ئاللاھقا باغلانسۇن، چۈنكى ئۇ زات بارلىق ئۈمىدنىڭ غايىسى ۋە مەنبەسىدۇر.
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي.