بەزى ئەرلەرنىڭ ئايالىغا قىلىۋاتقان خاتالىقلىرى
1. ئايالىغا قۇلاق سالماسلىق:
ئەر كىشى ئايالىنىڭ پىكىرلىرى ۋە تۇيغۇسىنى ئېتىبارغا ئالمىغاندا، ئايالى بىلەن توغرا چۈشىنىش ھاسىل قىلالمايدۇ ۋە ياخشى شەكىلدە چىقىشىپ ياشىيالمايدۇ.
2. ھېسسىيات ۋە تۇيغۇ سوغۇقلۇقى :
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشىدا ئۆزئارا سۆيگۈ-مۇھەببەت، بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش ۋە كۆڭۈل تۇيغۇسىنى بىر-بىر-بىرىگە ئىپادىلىيەلمەسلىك، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى سوغۇق قىلىپ قويىدۇ.
3. قەدىرلىمەسلىك:
ئايالىنىڭ ئائىلە ۋە بالىلار ئۈچۈن چىقىرىۋاتقان كۈچىنى قەدىرلىمەسلىك ئاياللارغا پىسخىكا جەھەتتىن ئەلەم پەيدا قىلىدۇ ۋە ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدۇ.
4. كۆپ تەنقىد قىلىش:
بەزى ئەرلەر ئايالىنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ماختاپ قويۇش ئورنىغا، كۆپ تەنقىد قىلىدۇ ۋە كۆزگە ئىلمايدىغان گەپلەرنى ۋە قىلىقلارنى قىلىپ قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەر-ئاياللىق ئارىسىدىكى ئىشەنچ ۋە مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
5. چېكىدىن ئاشۇرۇپ باشقۇرۇش:
بەزى ئەرلەر ئايالىنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ قاتتىق باشقۇرۇشنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى دەپ ئويلاپ قالىدۇ، ھالبۇكى، ھەقىقىي كۈچ – قۇۋۋەتنىڭ ئاساسىي ئەر-ئايال ئارىسىدا بىر-بىرىگە قارىتا ئىشەنچ پەيدا قىلىش ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەشتىن كېلىدۇ.
6. ئايالىغا كۆپ تەھدىت سېلىش:
ئەرنىڭ ئايالىغا تالاق ياكى باشقا ئىشلار بىلەن كۆپ تەھدىت سېلىشى، ئايالىنىڭ ئەرگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشقا ۋە تۇرمۇشتا خاتىرجەمسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ.
7. ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقى:
ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتى يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچىك ۋە تۇرالغۇ ئۆي تەييارلاپ بېرىش بىلەن تۈگىمەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت ئايالىنىڭ ھېسسىياتى، تۇيغۇسىغا رىئايە قىلىش ۋە كۆڭۈل ئاياش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. شۇنىڭدەك ئەقىدىنى، ئەخلاقنى، ئىبادەتنى ۋە ئىسلامنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىتىش مەسئۇلىيىتىمۇ بار.
8. ئەرنىڭ كۆڭۈل مۇناسىۋىتىدە شەخسىيەتچىلىك قىلىشى:
ئەر جىنسى مۇناسىۋەتتە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ھاجىتىنى تۈگىتىپ، ئايالىنىڭ ھاجىتىنى قاندۇرۇشقا سەل قارىسا، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشكە سەۋەب بولىدۇ ۋە ئايالىنىڭ بۇ ساھەدىكى ھەققىنى ئادا قىلمىغان بولۇپ قالىدۇ.
9. ئەرنىڭ ئايالىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشى:
ئەرنىڭ ئايالىنى باشقا ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرۇشى ئەر-ئاياللىق ھاياتىدا جېدەل- ماجىرانىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
10. ئەرنىڭ ئايالىنى سەت سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلىشى:
ئەرنىڭ ئايالىنى ھاقارەتلىشى، ئايالنىڭ كۆڭلىنىڭ سۇنۇشىغا ۋە ئەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي