بالا غەمكىن بولۇپ قالغاندا، قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك
1. ياش بالىلارغا سىلىق مۇئامىلە قىلىش:
بالاغەت يېشىغا يەتكەن ئوغۇل بالا بەك سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭغا قاتتىق مۇئامىلە قىلىش، ياكى ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى مەسخىرە قىلىش توغرا بولمايدۇ.
2. ئۇنىڭ بىلەن كۆپ سۆھبەتلىشىش:
ئوغلىڭىزنىڭ كۆڭلىدىكى غەم قايغۇلىرىنى، ياكى دەرد ئەلەملىرىنى تۆكۈشكە رىغبەتلەندۈرۈڭ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ئىزھار قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇنىڭ غەم قايغۇلىرىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسىز. ئىشنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندە ئۇنىڭغا مۇناسىپ چارە قوللىنىش ئاسانغا چۈشىدۇ.
3. ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەمچى بولۇش:
ئادەتتە بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇل بالا ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئەيىبلىنىشتىن ئەنسىرەپ دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. كۆڭلىدىكى غەم قايغۇلىرىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلمىگەنلىكى ۋە ھەل قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن پەرىشان بولىدۇ ھەمدە ھەسرەتكە پېتىپ قالىدۇ. سىز دادا ياكى ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئوغلىڭىزغا يېقىن تۇرۇڭ ۋە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغانلىقىڭىزنى ئىپادىلەڭ.
4. ئۇنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش:
ئوغلىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى خاپۇلاپ كەتمەستىن ھەل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىڭىزنى بايان قىلىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئۇ سىزگە ھەممە ئىشلىرىنى دەپ بېرىدۇ. سىز بولسىڭىز ئۇنى پىسخىكا ھالىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىدىن قۇتقۇزالايسىز.
5. ئۇنىڭ دەرد ئەلەم تارتىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش:
غەم – قايغۇغا پېتىپ قالغان ئوغلىڭىز سىزنىڭ دىققىتىڭىزنى ياكى كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى قولغا كەلتۈرۈش، ياكى تەلەپلىرىنى ھەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن غەمكىن بولۇش ۋە ھەسرەتكە پېتىشنى ھىيلە سۈپىتىدە ئىشلەتمەيدۇ. ئۇ بالاغەت مەزگىلىدە پىسخىكا جەھەتتىن قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا، سىز بۇ ئىشنىڭ بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىدە يۈز بېرىدىغان ھەقىقىي ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇڭ.
شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى ۋە دەردلىرىنى بىلمەسكە سالسىڭىز تېخىمۇ خۇيى تۇتىدۇ، تېخىمۇ ئاچچىقلايدىغان بولۇپ قالىدۇ، بەزىدە ئۆيدىن چىقىپ كەتكۈسى… كېلىپ قالىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ پىسخىكا ئەھۋالى ياخشىلانغان قەدەر سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، توغرا يول كۆرسىتىپ يېنىدا تۇرۇڭ ۋە قوللايدىغانلىقىڭىزنى نامايان قىلىڭ.
6. راھەت ئالغۇدەك ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىش:
ئائىلىدە يۈز بېرىدىغان جېدەل- ماجىرا ۋە تالاش تارتىشلارنىڭ كۆپ بولۇشى بالاغەتكە يەتكەن ياشلارنى بىئارام قىلىدۇ. شۇڭا، ئامال بار ئوغلىڭىزنى ئائىلىنىڭ جېدەل- ماجىرالىرىدىن يىراق تۇتۇشقا تېرىشىڭ. ئەر-ئايال ئارىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تالاش – تارتىش بولۇپ قالغان مەسىلە بولسا، ئۇنى ئۇ بالا يوق يەردە ھەل قىلىڭ.
جېدەل- ماجىرادىن خالىي تىنچ ئائىلە مۇھىتى ئوغلىڭىزغا راھەت، ئامانلىق ۋە خاتىرجەم ھېس قىلدۇرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن غەم- قايغۇغا چۈمۈش ھالىتىدىن قۇتۇلىدۇ.
7. ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرەر نەرسە ئۆگىنىشكە قىزىقتۇرۇش:
بالاغەتكە يەتكەن ياش بالىنىڭ ۋاقتىنى پايدىلىق ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بەدەن چېنىقتۇرۇش، يۇمشاق دىتال ياساش ماھارىتىنى ئۆگىنىش، ئىندىزايىن ئۆگىنىش، تىل ئۆگىنىش… دېگەندەك قىزىقىدىغان ئىشلارغا قىزىقتۇرۇڭ.
ياش بالىلارنىڭ ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزمەي بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئۇنى غەمكىن بولۇشتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
8. دوستلىرى بىلەن بىرگە سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىش:
بالاغەتكە يەتكەن ياشنىڭ سىرتقا چىقىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ئۇنىڭ غەمكىن بولۇپ قالىدىغان، چېچىلىدىغان ۋە ئاچچىقلايدىغان مىجەزىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا، بەزى ۋاقىتلاردا ياخشى دوستلىرى بىلەن سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىش پايدىلىق. ھەپتىلىك تەتىل كۈنلىرىدە ئائىلىچە ساياھەت قىلسىڭىز، ياكى ياز تەتىللىرىدە ئۇنى باشقا شەھەرلەرگە ساياھەتكە ئېلىپ بارسىڭىز پىسخىكا ھالىتى ياخشىلىنىدۇ.
9. ئەقىدە -ئەخلاق تەربىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش:
ياشلارنىڭ بالاغەت مەزگىلىدە غەم – قايغۇغا پېتىپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى ئەقىدە – ئەخلاق تەربىيەسىنىڭ بولماسلىقى ياكى ئاجىز بولۇپ قېلىشىدۇر.
ياشلارغا ئەقىدە- ئەخلاق تەربىيەسى يېتەرلىك دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلمىغاندا، ياش بالىلاردا غەمكىنلىك ۋە ھەسرەت چېكىش ھالىتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. چۈنكى جەمئىيەتتىكى يېرىم يالىڭاچلىق كۆرۈنۈشلىرى، گۇناھ خاراكتېرىدىكى ئىشلار، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى شەيتاننىڭ ھەرخىل قالايمىقان تەشۋىقاتلىرى… ياش بالىلارنىڭ ئەقىدىسىنى ۋە ئەخلاقىنى بۇزغاندىن سىرت پىسخىكىسىنى ۋە مىجەزىنى قالايمىقان قىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ ئەقىدە تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچلەندۈرۈپ، بالاغەتكە يېتىش باسقۇچىنى دۇنياغا كېلىش غايىسىنى ئاڭقىرىپ، ھالال- ھارامنى پەرقلەندۈرۈپ، ياخشى -يامانغا دىققەت قىلىپ توغرا يولدا ساغلام ئۆتكۈزۈشىگە كۈچ چىقىرىش ئىنتايىن مۇھىم.
10. غەمكىن بولۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىش:
بالىنىڭ ئەھۋالىغا پەرۋا قىلماسلىق، ئاشۇرۇپ گۇناھ ھېس قىلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، سەۋەبسىز يىغلاش، ئۈمىدسىز بولۇش، قايغۇرۇش، ئىككىلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، باشقىلارغا ئارىلاشماسلىق، باش ئاغرىقى… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ياشلاردا بۇ ئەھۋاللاردىن بىرەرسى كۆرۈلگەندە، بالاغەتكە يەتكەن ياشلارغا ۋارقىراپ گەپ قىلماستىن، ئۇرماستىن، تىللىماستىن، ھاقارەت قىلماستىن ياكى پەرۋاسىزلىق قىلماستىن، ئۇنىڭغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىش، ئاتا-ئانا مېھرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ بېرىش، ئەتىگەن- كەچ باشلىرىنى سىلاپ سۆيۈپ قويۇش ۋە قۇچاقلاپ تۇرۇش، دۇئا قىلىش، ئەقىدە – ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش… ئارقىلىق پىسخىكا ھالىتىنى تۈزىتىشكە ياردەمچى بولۇش ئىنتايىن مۇھىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي