نادانلار سۈكۈت قىلغان بولسا، تالاش-تارتىش ئازايغان بولاتتى
مۇتەپەككۇر ئابدۇلھېمىت بادىس «ئۆلىمالارنىڭ نەزىرىدىكى سىياسەت تەپەككۇر قىلىش، ئەمەل قىلىش ۋە قۇربان بېرىشتۇر، چۈنكى ئىسلامدا ئەقىدە بىلەن سىياسەت، ئىلىم – مەرىپەت بىلەن سىياسەت ئايرىلمايدۇ، سىياسەت جانلانمىسا، ئىلىم – مەرىپەت ۋە دىنمۇ گۈللەنمەيدۇ» دېگەن ئىكەن.
لېكىن بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بەزىلەر ئىسلام بىلەن سىياسەتنى بىر- بىرىگە زىت دەپ قارىماقتا ۋە شۇ قاراشقا ئاساسەن مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنماقتا.
بەزىلەر ئىسلامنىڭ ۋەھىيسى ۋە مەرىپەت مەنبەسى بولغان قۇرئان بىلەن سۈننەتنى بىر- بىرىدىن ئايرىپ، قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىش باھانىسى ئاستىدا مىللەتنى ئازغۇن يولغا دەۋەت قىلماقتا.
بەزىلەر ئىلىم – مەرىپەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ، سىياسەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىش نەتىجىسىدە پارچىلىنىش ۋە بۆلۈنۈش پەيدا قىلماقتا.
بەزىلەر شۆھرەت قوغلىشىپ تايىنى يوق ئىشلارنى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىغا كۆتۈرۈپ چىقىپ ئورۇنسىز تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولماقتا ۋە مىللەتنىڭ ئەقلىنى سىياسىي كۈرەش پىرىنسىپلىرىدىن مەشغۇل قىلماقتا.
بەزىلەر نادانلىقى ۋە ئاڭسىزلىقىغا قارىماي، سەپنىڭ ئالدىغا چىقىۋالماقتا، ئۆزىنى مۇتەپەككۇر ۋە لىدىر سانىماقتا.
بەزىلەر شەخسىي مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك تەشكىلاتنىڭ سانىنى كۆپەيتمەكتە.
بەزىلەر ۋائىزلىقىغا قارىماي، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى پايدا-زىيان نۇقتىسىدىن ياخشى تەھلىل قىلماستىن ھەممە ساھەدە پەتىۋا بېرىپ، ھەممە ساھەدە ئۆلىمالىق قىلىپ، ئىسلام دەۋىتىگە ۋە ئۆلىمالىق شەرىپىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزمەكتە.
بەزىلەر ئۆزىنىڭ كۆپكە ماھىر، ھەرقانداق ساھەدىن قالمايدىغان قالتىس بىلىملىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆز كەسپىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۆلىمالىق قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.
بەزىلەر ئۆزى چۈشەنمەيدىغان ۋە ئەمەل قىلمايدىغان تۇرۇقلۇق، باشقىلارغا ئىسلام پىرىنسىپلىرى ھەققىدە تەلىم بەرمەكتە ۋە ۋائىزلىق قىلىشقا سورۇن ھازىرلىماقتا ھەمدە مىللەتنى قايمۇقتۇرماقتا.
بەزىلەر ئۆزىنىڭ مىدىياچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانماي، ئىلمىي سورۇندا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنى مىدىياغا كۆتۈرۈپ چىقىپ، قېرىنداشلار ياكى تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ بۇزۇلۇشىغا شارائىت ياراتماقتا.
بەزىلەر ئىسلام ئەخلاقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، باشقىلارنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىغا تىل تەگكۈزمەكتە ھەمدە تەنقىد بىلەن غەيۋەت ۋە تۆھمەتنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەكتە.
ئىسلام ئىدىيەسىنى تولۇق چۈشەنمىگەن بەزىلەر ئىسلامنى خىرىستىيان دىنىغا قىياس قىلىپ، ئىسلامنى غەرب دۇنياسىغا ئوخشاش مەسچىتكە يىغىنچاقلاپ، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
دېمەك، نادانلار ياكى ئۆز ئەھلى بولمىغانلار بىر ئاز ئىنساب قىلىپ، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشلارغا ئارىلىشىۋالمىغان بولسا، ياكى ئاقساقاللىق قىلماي ئۆزىنىڭ ھەددىنى بىلگەن بولسا، ھەمدە غەيۋەتچىلەر ۋە سۇخەنچىلەر ئىسلام ئەخلاقىغا رىئايە قىلغان بولسا، ئورۇنسىز تالاش تارتىشلار ئازايغان بولاتتى ھەمدە سىياسىي كۈرەشلىرىمىز ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغان بولاتتى.
شۇنىڭدەك ھەر ساھەدىكى بىلىملىك، ئىقتىدارلىق، تەجرىبىلىك ۋە كەسپىي شەخسىلەر ئۆز ساھەسى بويىچە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسىي پىرىنسىپلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ھەرىكەت قىلغان بولسا، ئەھۋالىمىز چېچىلاڭغۇ بولمايتتى، ئىدىيە كۈرىشى شەكىللەنمەيتتى، بەلكى ھەمكارلىق ۋە يېقىنلىشىشقا شارائىت ھازىرلانغان بولاتتى. تېخىمۇ توغرىسى ئېنىق سىياسىي كۈرەش خەرىتىسى شەكىللەنگەن بولاتتى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.