بالىلاردىن ئىلگىرى ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەڭ
ئاتا-ئانا بالىلارنى تەربىيەلەشتىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنى تەربىيەلىشى،
قىلىۋاتقان ياكى سۆزلەۋاتقان ھەربىر ئىشنى ئاللاھ كۆرۈپ، ئاڭلاپ ۋە بىلىپ تۇرىدۇ دەپ تۇرۇپ قىلىشى ۋە بۇ روھنى بالىلاردا يېتىلدۈرۈشى،
بالىلارنى نامازغا كۆندۈرۈش ئۈچۈن بەزى نامازلارنى ئۆيدە ئۇلار بىلەن ئۆلچەملىك ئادا قىلىشى،
بالىلارنى قۇرئانغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەركۈنى ئاز بولسىمۇ قۇرئاننى ئاۋازلىق ئوقۇشى،
بالىلارنى كىتابقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ھەركۈنى ئاز بولسىمۇ كىتاب ئوقۇشى،
بالىلارنىڭ تېلېفون ئىشلىتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇلار بار يەردە زۆرۈر بولمىسا تېلېفون قوللانماسلىقى،
بالىلارنىڭ ناچار سۆزلەرنى ئۆگىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يامان گەپ -سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشى،
بالىلارنى توسقان ئىشلارنى ئۆزلىرى قىلىپ سالماسلىقى لازىم.
چۈنكى بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى ۋە گەپ – سۆزلىرىنى دورايدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ سۆزىدىن بەكرەك قىلغان ئىشىدىن تەسىرلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي