مۇسۇلماننىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى
مۇسۇلمان ھايات بويى ياخشى ئىش قىلىشقا، ئەتىسى ياكى كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىش- ھەرىكەت قىلىشقا ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا تەكلىپ قىلىنغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەقىدىسىگە سادىق بولغان مۇسۇلمان دائىم پەرۋەردىگارى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە، ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋىتىدە، شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا، ئىلىم- مەرىپەت ھاياتىدا ۋە ئىش-ھەرىكەت مەيدانلىرىدا تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ھەمدە سەۋەب قىلىش بىلەن بىرلىكتە ھەردائىم: «ئى پەرۋەردىگارىم! ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن» (تاھا: 114- ئايەت) دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.
دېمەك، مۇسۇلمان ئەتىدىكى ھاياتىنى بۈگۈنكىدىن ياخشى ئۆتكۈزۈش، دۇنياقارىشىدا ئىلگىرلەش ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن ئىلىم- مەرىپەت، ئىبادەت، ئەخلاق ۋە ئىش – ھەرىكەت ساھەلىرىدە ئۆزىنى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇھتاج بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرمىسا، باشقىلارنىڭ ئارقىسىدا قالىدۇ، باشقىلار ئىلگىرىلەپ كەتسە، ئۇ ئارقىغا چېكىنىشكە باشلايدۇ.
ھالبۇكى، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىگە ۋە ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلاردا باشقىلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى ئۇنىڭ دۇنياغا يارىتىلىش غايىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈندىن ئەتىنى ئۈنۈملۈك ئۆتكۈزۈش، زامانغا يېتىشىپ مېڭىش ھەم ساۋاب قازىنىش ئۈچۈن كۆپ تېرىشىشقا، ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىشكە ۋە سەۋەب نەتىجىگە ئۇيغۇن ئىش – ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئابدۇراھمان كاشىغەرى