2025-يىل 27-مارت

ئەزھەرىي تورى

ئابدۇراھمان جامال كاشغەرىي ماقالىلىرى

ئوقۇش يولىدا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى

ئوقۇش يولىدا نەتىجە قازىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى

ئوقۇش يولىدا نەتىجە قازىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئەڭ چوڭ دۈشمەن ئېكراندۇر.

چۈنكى كۆپ ۋاقىتلىرىنى تېلېفون، ئايپەد، كومپيۇتېر، پىلاستىشىن ۋە تېلېۋىزور ئالدىدا ئۆتكۈزىدىغان بالىلارنىڭ:

زېھنى چېچىلىپ كەتكەنلىكتىن يىغالمايدۇ،


يادلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،

ئوقۇش سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ،

نەتىجە قازىنىشنىڭ ئەڭ ساغلام يولى بولغان كىتابلارنى ئوقۇغىسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ،

ھۇرۇن ۋە مەسئۇلىيەتسىز بولىدۇ،

كۆزى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ،

ئۇيقۇسى تەرتىپسىز بولىدۇ،

پىسخىكىسى بۇزۇلىدۇ،

چېچىلاڭغۇ ۋە جېدەلخور بولۇپ قالىدۇ،

كىتابلىرى، كىيىملىرى ۋە ياتاقلىرى قالايمىقان بولىدۇ،

نەسىھەت ئاڭلىمايدىغان، يول كۆرسەتسە قوبۇل قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ،

ئەتىگەندە نامازغا قوپمايدىغان، نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇمايدىغان، مەسچىتكە چىقىشنى ئېغىر كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ،

قۇرئان ئوقۇشقا خوش ياقمايدىغان، قۇرئان تەكرار قىلىشنى ئېغىر كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ،

ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن چىرايلىق مۇئامىلە قىلمايدىغان، ئاتا-ئانىسىغا ئۆي ئىشلىرىدا قارىشىپ بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ،

ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە ئىجتىمائى مۇناسىۋەتكە پەرۋا قىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي