ئىلھام ۋە ھېسسىيات ئارقىلىق ھەل قىلىش كىرىزىسى
ھەر قانداق بىر ۋەزىيەتكە قىياس قىلىپ ھەرىكەت قىلىشتىن پايدا كەلمەيدۇ، چۈنكى ئوخشىمىغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇلارنىڭ ئارىلىرىدىكى ئىنچىكە پەرقلەرنى ھېس قىلماستىن ئوخشاشلا بىر دانە ھەل قىلىش چارىسىنى تەقدىم قىلىش ئۈنۈم بەرمەيدۇ. مۇنداق قىلىش يۈزلىگەن كېسەللەرگە بىرلا دورا بېرىپ، قىزىتمىسىنى داۋالاپ، بەدەننى تەجرىبە ساھەسىگە ئايلاندۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى تېپىپ چىقالمايدىغان بىر قىسىم تېۋىپلارغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، مەسىلىنى تەتقىقات، سان-سىپىر ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىزدىنىشكە تايانغان ئىلمىي شەكىلدە تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولمايدۇ.
چوڭ مەسىلىلەردە ھېسسىياتقا بېرىلىش، مېنىڭ دېگەن شەخسى خاراكتېرىنى تېڭىش ۋە كاللىسىغا كەلگەنچە ئىش-ھەرىكەت قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەرمەيدۇ، بەلكى قىيىنچىلىقنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
يېتىشكەن ئىلمىي مەنبەلىرى (يەنى ئالىملىرى) بولمىغان بەزى ھەرىكەتلەر ياكى جامائەتلەر يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا خىيال ۋە مەغلۇپ بولغان تەجرىبىلەرگە قىياس قىلىش ئارقىلىق مۇئامىلە قىلىدۇ.
ھازىر بىزدە كەمچىل بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ كەمچىللىك شۇكى، يېڭىدىن يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا ئىنچىكە تەسەۋۋۇر بىلەن تەمىنلەيدىغان تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ يوقلۇقى ياكى ئازلىقىدۇر. كۆپىنچە ھاللاردا بىز مۇنداق مەسىلىلەردە سان-سىپىر ۋە باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ۋە مەسلىھەتىنى ئېلىش ئورنىغا، شەخسى مىجەز، سىياسىي ھېسسىياتچانلىق ۋە ئىلھام بىلەن مۇئامىلە قىلىپ سېلىشىمىز مۇمكىن.
غەلىبە قىلىش ئامىللىرى ۋە ئاجىزلىق باسقۇچلىرى دېگەندەك چوڭ مەسىلىلەردە تەتقىقات مەركەزلىرى ئارقىلىق قارار ئېلىش لازىم بولىدۇ. بۇ دەۋردە كۈچ قۇۋۋەت سېلىشتۇرمىسى ساننىڭ كۆپلۈك ھەجمى بىلەن بولمايدۇ، بەلكى كۈچ قۇۋۋەت مىزانىغا تېخنىكا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن مۇرەككەپ سېلىشتۇرما فورمۇلاسىغا ئايلاندى.
غەرب دۇنياسىدا سىياسىي قارارلارنى پارلامېنت ئورگانلىرى ۋە ئاقساقاللار مەجلىسى ئالمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، بەلكى قارار ئېلىش مەسىلىسى مىڭلىغان تەتقىقاتچىلار ۋە ياراملىق كىشىلەر خىزمەت قىلىدىغان تەتقىقات مەركەزلىرىگە يۆتكىلىپ كېتىۋاتىدۇ، بۇ قارارلارنى شەكىللەندۈرۈش ۋە تۈزۈپ چىقىش تەتقىقات مەركەزلىرىگە تاپشۇرۇلىۋاتىدۇ.
كۆپلىگەن ئېقىملار خەلق ھىمايىسىگە نىسبەتەن كېچىك بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولىدۇ، ياكى خەلقنى يېتەكلەشتە ئۆزىنى بىردىنبىر ھەق ئىگىسىدەك ھېس قىلىدۇ.
ئەمما بىزدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى بولمىغاچقا، ياكى بولسىمۇ ئاجىز بولغاچقا، كۆپلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى شەخسىي خاراكتېر، ئىلھام، ھېسسىيات ۋە قاراملىق شەكلىدە ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي