بالاغەتكە يەتكەن ئوغۇللار بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇللىرى
1. دادىلار بالىلىرىغا بىر ئاز مەسئۇلىيەت يۈكلىشى لازىم، بۇنىڭ قاتارىدا ئۆينىڭ پارچە پارات سودا سېتىقلارغا كۆندۈرۈشى لازىم. چۈنكى مەسئۇلىيەت بالاغەت يېشىدىكى ياشلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭدەك تەجرىبە يارىتىدۇ.
2. بالاغەت يېشىدىكى ياشنىڭ پىسخىكىسىنىڭ بۇزۇلماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئەيىبلىمەسلىك لازىم، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ۋە ئۇلاردا ئۆزلىرىگە ئىشەنچ پەيدا يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.
3. ئاتا-ئانا بالاغەت يېشىدىكى ياشلارنىڭ رىئايە قىلىشىغا تېگىشلىك ئىشلاردا چەك چېگرا بەلگىلەش لازىم. مەسىلەن، بەش ۋاقىت نامازغا سەل قارىماسلىق، ھەركۈنى ئاز بولسىمۇ قۇرئان كەرىم ئوقۇشنى تاشلىماسلىق، تېلېفون قوللىنىش ۋاقتى، تېلېفوندا قايسى پىروگراممىلارغا دىققەت قىلىش كېرەكلىكى، يۈرۈش- تۇرۇش توغرىسىدا ھالال- ھارام تېمىسىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق…
4. دادىلار بالاغەت يېشىدىكى ياشلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى لازىم، ئۇلارنىڭ بۇ باسقۇچتىكى مىجەزىگە ۋە پىسخىكىسىغا رىئايە قىلىشى ۋە چۈشىنىشى لازىم.
5. بۇ خىل تۈردىكى ياشلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ بىلەن زېرەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ھەل قىلىشقا تىرىشىش.
6. بالاغەت يېشىدىكى ياشلارغا دوستلىرى مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ياشلار دوستلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلاردىن تەسىرلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، ياشلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى يىراقتىن ھېس قىلدۇرماي كۆزىتىش ۋە دوستلىرىنىڭ كىملىكىنى ۋە قانداق تۈردىكى ياشلار ئىكەنلىكىنى بىلىش لازىم. يامان دوستلار بىلەن ئارىلىشىپ قالغان بولسا، يامان دوستلاردىن يىراق تۇرۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلىش لازىم.
7. بالاغەتكە يەتكەن ياشلارغا ئىشەنچ بېرىش لازىم ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش مۇھىم. ياشلارغا ئىشەنچ بېرىش ئۇنىڭ ئوي پىكرىنى، تەسەۋۋۇرىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ياخشىلايدۇ. مۇنداق بولغاندا، ئۆزىگە كۆپلىگەن ئىشلاردا ئىشەنگىلى بولىدىغان كىشىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ.
8. ئاتا-ئانىلار بالاغەت يېشىدىكى ياشلارنىڭ بۇ باسقۇچىنى توغرا شەكىلدە ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشى، قوللاشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلاردا قوللىشى، ناماز، قۇرئان كەرىم، ياخشى دوست، بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە توغرا ئويۇن ئويناش ئارقىلىق پىسخىكا دۇنياسىنى ياخشىلاشقا چاقىرىشى لازىم.
9. بالاغەت يېشىدىكى بالىلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى -گۇناھ خاراكتېرىدىكى ئىش بولمىسا- ھۆرمەتلەش ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىش مۇھىم.
10. ئاتا-ئانىلار بالاغەت يېشىدىكى ئوغۇللىرى بىلەن ئۆز ئارىسىدا ئىشەنچ يارىتىش لازىم.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
رامىزاندىكى بالىلار تەربىيەسى
بالىلىرىمىزغا دۇئا يادلىتايلى
رامىزان ئىبادەتكە كۆندۈرۈش پۇرسىتى