قۇرۇق گەپ – سۆز قانداق تارقايدۇ؟
قۇرۇق گەپ -سۆز دېگەن راست ياكى يالغان بولۇشى مۇمكىن بولغان ياكى تەكىتلەنمىگەن بىر خەۋەرنىڭ بىر كىشىدىن يەنە بىر كىشىگە يۆتكىلىپ يۈرۈشىدىن ئىبارەت.
قۇرۇق گەپ – سۆزنىڭ بىر تەرىپى ھەر قانداق ھالەتتە ئېنىقسىز بولىدۇ، قۇرۇق گەپ – سۆزنىڭ ۋەزىپىسى مۇئەييەن مەسىلە، ياكى مۇئەييەن شەخس، مۇئەييەن ئېقىم ھەققىدە جېدەل – ماجىرا پەيدا قىلىش، ياكى ئىككى تەرەپنىڭ ئارىسىنى بۇزۇۋېتىش، ياكى بىرەر ئېقىمغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
قۇرۇق گەپ -سۆزنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن كىرىزىس پەيدا قىلىنىدۇ، قۇرۇق گەپ – سۆز سىرلىق ياكى ئېنىقسىز بولىدۇ ۋە تەدرىجىي قەدەمدە تارقىلىشقا باشلايدۇ.
قۇرۇق گەپ – سۆزنى كىملەر توقۇپ چىقىدۇ؟ ۋە كىملەر تارقىتىدۇ؟
1) قۇرۇق گەپ -سۆزنىڭ بىرىنچى مەنبەسى دۈشمەن ئىستىخباراتى:
سىياسىي مەيداندىكى ساغلام كىشىلەر قىيىن بىر شارائىتقا چۈشۈپ قالغاندا، ياكى سىياسىي ھەرىكەت دۈشمەنگە كۈچلۈك زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا يەتكەندە، دۈشمەن ئىستىخباراتى ئۇ كىشىلەرنىڭ شارائىتىنى ۋە ئاجىزلىق نۇقتىلىرىنى تەھلىل قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ توغرىسىدا تارقاتسا مۇناسىپ كېلىدىغان قۇرۇق گەپ – سۆزنى سالاھىيتىى ئېنىق بولمىغان غالچىلىرى ئارقىلىق تارقىتىشقا باشلايدۇ.
شۇڭا سىز بىلەن بىرەر دوستىڭىز، ياكى خىزمەت سېپىدىكى بىرەر قېرىندىشىڭىز ئارىسىدا قۇرۇق گەپ -سۆز تارقىلىپ يۈرگەن بولسا، بۇ خەۋەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى بىرىنچى مەنبەسىنى دۈشمەننىڭ ئىستخبارات ئويۇنى دەپ بىلىڭ.
2) نادان دوست:
بەزىدە دوستىڭىز ياخشى نىيەتلىك قىلىپ، بەزى ھاللاردا سىزنى مۇداپىئە قىلىدۇ، ياكى سىزنى كىشىلەر ئالدىدا سىزدە يوق نەرسىلەر سۈپەتلەر بىلەن ياكى سىز قىلمىغان ئىشلار بىلەن ماختىماقچى بولىدۇ. بۇ سەۋەبلىك قۇرۇق گەپ سۆزنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
3) مەنپەئەتپەرەس ئادەم:
مەنپەئەتپەرەس ياكى ئاداۋەتخور ئادەم قارشى تەرەپنى يىقىتىش، ياكى ئېتىبارىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇق گەپ – سۆزنىڭ تارقىلىشىغا كۈچلۈك ھەسسە قوشىدۇ.
كىشىلەرنىڭ قۇرۇق گەپ -سۆزنى قوبۇل قىلىشى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:
1) تەنقىدىي خاراكتېرىدە قوبۇل قىلىش
بىر ئادەم قۇرۇق گەپ – سۆز توغرىسىدىكى مەلۇماتنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ بىلگەندە، ئاندىن ئۇ خەۋەرنى تەھلىل قىلىشتا تەنقىدىي تەپەككۇر قىلالايدۇ. تەنقىدىي شەكىلدە تەھلىل قىلالايدىغان كىشى خەۋەرنىڭ قانچىلىك راست ۋە قانچىلىك يالغانلىقىنى تاسقاپ چىقالايدۇ، ياكى پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىپ يالغان خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقان تەرەپنىڭ كىملىكىنى بايقىيالايدۇ.
2) شۇنداقمىدۇ دەپ قاراپ قېلىش ياكى ئىشىنىپ قېلىش
قۇرۇپ گەپ – سۆزنى شاكال توپقا ئوخشايدىغان ھېسسىياتچان ياكى مايىلچان ئادەملەر قوبۇل قىلىدۇ، بۇ ئادەملەر ھېسسىياتچانلىقى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان قۇرۇق گەپ – سۆزلەرگە ئەقىلگە سىغمىسىمۇ ئىشىنىپ قالىدۇ. ئەمما ئەقلىنى ئىشلەتكەن ئادەملەر ئالدىراپ قوبۇل قىلمايدۇ.
بىرەر كىرىزىس يۈز بەرگەندە كىشىلەر بەك ھېسسىياتچان بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شارائىتتا كىشىلەردە بىلىم – مەرىپەت ياكى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى بولمىسا، تېخىمۇ ھېسسىياتچان بولۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە قۇرۇق گەپ -سۆزلەرگە تېز سۈرئەتتە ئىشىنىپ كېتىدۇ ۋە تارقىلىشىغا بىلىپ بىلمەي ھەسسە قوشىدۇ.
3) بىر تەرەپلىمە ھالدا تۇرۇش:
قۇرۇق گەپ – سۆزنى ئاڭلىغان ئادەم ھېسسىياتچان بولمىغاندا، ياكى تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغاندا، قۇرۇق گەپ – سۆزلەرگە بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيە تۇتىدۇ، يەنى پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلىدە بولىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
مۇناسىۋەتلىك تېمىلار
نېمە ئۈچۈن ئىنفاق ئىماننىڭ تەقەززالىرىدىن بىرى دېيلىدۇ؟
ئىنفاقنىڭ تۈرلىرى
نەپسىنى پاكلاشنىڭ ئەھمىيىتى