بالىلار بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇش چارىلىرى
1.ھۆرمەتلەپ گەپ قىلىش:
كىچىك بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ھۆرمەتلەپ گەپ قىلىش. يەنى ئۆزلىرى، سىلى، سىز، قانداق قارايسىز دېگەندەك.
- پاراڭلىشىشقا ۋاقىت چىقىرىش:
ئائىلىچە ھەركۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا، ياكى خۇپتەن نامازدىن يېنىپلا بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ پاراڭلىشىش. - كەچۈرۈم سوراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش:
ئائىلىدە ھەربىر كىشى خاتالاشقاندا بىر-بىرىدىن كەچۈرۈم سوراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى لازىم. ئاتا-ئانا بالىلار ھەققىدە خاتالىشىپ قالغاندا كەچۈرۈم سوراپ ئۆگەتسە، بۇ تەربىيە بالىلارنىڭ زېھنىگە سىڭىپ كېتىدۇ. - رۇخسەت سوراش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش:
ئائىلىدىكى ھەربىر كىشى يەنە بىرەيلەننىڭ ياتىقىغا كىرىدىغاندا، رۇخسەت سوراپ كىرىشنى ياكى بىرەيلەننىڭ نەرسىسىنى ئىشلىتىغاندا رۇخسەت سوراشنى ئۆگىتىش لازىم. - ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆز قارچۇغۇسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش ھەمدە ھەركۈنى بىرقانچە قېتىم قۇچاقلاپ سۆيۈپ تۇرۇش.
- بالاغەتكە يەتكەن بالىلارنى ئۇرماسلىق.
- بالىلارنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرىنى ھۆرمەتلەش.
- بالىلارغا مەسئۇلىيەت يۈكلەپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش.
- بالىلارنى بىر-بىرىگە ياكى باشقىلارغا سېلىشتۇرماسلىق.
- مەسخىرە قىلماسلىق ۋە كەمسىتمەسلىك قاتارلىقلار…
ئابدۇراھمان كاشىغەرىي