بالىلارنى قانداق قىلغاندا نامازغا قىزىقتۇرغىلى بولىدۇ
بالىلارنى يەتتە ياشتىن ئون ياشقا قەدەر ئۈچ يىل جەريانىدا ئۇرماي چىرايلىق شەكىلدە نامازغا قىزىقتۇرۇش ۋە بۇيرۇش بالا ۋە ئاتا-ئانا ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەتلىك چېنىقتۇرۇش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ.
ئۈچ يىل جەريانىدا بالىنى بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشقا قىزىقتۇرۇش ياكى بۇيرۇش، بالىغا تاماق يەۋال ياكى دەرسىڭنى مۇزاكىرە قىلىۋال دېگەندىن بەكرەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
بالىلار بۇ باسقۇچتا ئۈچ يىل ئىزچىل ھالدا ناماز ئوقۇشقا ۋە نامازنى ياخشى كۆرۈپ ئادا قىلىشقا چېنىقتۇرۇلغاندا، نامازنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى سەل قارىسا بولمايدىغان بىرىنچى نومۇرلۇق مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.
ئۈچ يىل جەريانىدا بالىنى ئۇرماي تەربىيەلەشتە نەتىجە قازىنالىغان ئاتا-ئانىلار، بالىلارنى قىزىقتۇرۇش، قانائەتلەندۈرۈش ھەمدە ساۋاب بىلەن جازانى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۇرمايمۇ تەربىيەلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىدۇ.
ئۈچ يىللىق نامازنىڭ سانى 5400 بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ مەزگىلدىكى سەۋرچانلىقى، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى ۋە ئاچچىقىنى يۇتۇشى 5400 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ.
بالىنى ئۈچ يىل جەريانىدا سەۋرچانلىق بىلەن نامازغا كۆندۈرۈش تەربىيەسى ئېلىپ بارغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى سۆيگۈ، ياخشى مۇئامىلە قىلىش، قانائەتلەندۈرۈش، ئاچچىقلانماسلىق ۋە يېڭى ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق تەربىيەلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.
بالا 10 ياشقا يەتكەندە، نامازغا يەنىلا سەل قارىسا، ئۇ چاغدا ئىسلام بالىنى يەڭگىل شەكىلدە ئۇرۇپ تەربىيەلەشكە رۇخسەت قىلىدۇ. لېكىن ئۈچ يىللىق چېنىقتۇرۇش مەزگىلىنى ئۈنۈملۈك قوللانغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئۇرۇشقا موھتاج بولماي تەربىيەلەپ كېتىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي