قىيىنچىلىق ۋە خۇسۇمەتنى ئىدارە قىلىش قائىدىسى
قۇرئان كەرىم مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دوستلۇق، قېرىنداشلىق، ئەر-ئاياللىق، تەشكىلاتچىلىق… ھەققىدە خۇسۇمەت ۋە قىيىنچىلىقلار يۈز بەرسە، ئۇنىڭ ھەل قىلىش قائىدىسىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ.
ئاللاھ مۇسۇلمانلارغا خىتاب قىلىپ: «بەندىلىرىمگە ئېيتقىنكى، ئۇلار (گەپ قىلغاندا) ئەڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلسۇن. شەكسىزكى ، شەيتان ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بۇزماقچى بولىدۇ، چۈنكى شەيتان ئىنسانغا ئوپئوچۇق دۈشمەندۇر» (ئىسرا سۈرىسى، 53 – ئايەت).
بۇ ئايەت تۆۋەندىكىدەك قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
1. مۇسۇلمانلار ئۆزئارا گەپ -سۆز قىلىشقاندا ئەڭ ياخشى گەپ سۆزلەرنى تاللاپ قىلىش،
2. مەسىلىنى چوڭايتىپ ئارىنى بۇزۇشنىڭ ئورنىغا ئالاقىنى ئىسلاھ قىلىشقا ۋە مەسىلىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش.
3. شەيتاننىڭ ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئورتاق دۈشمەن ئىكەنلىكىگە ئۇنۇتماسلىق،
4. ئاممىنىڭ ياكى تەشكىلاتنىڭ مەسىلىسىنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا شەخسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش،
5. قارشى تەرەپكە گەپ قىلغاندا -يامان كۆرىدىغان ئادەم بولسىمۇ- ياخشى نىيەتتىن ئايرىلماسلىق، پۇرسەتپەرەسلىك قىلماسلىق،
6. ھەر ئىككى تەرەپ شەيتانلارنىڭ كۈشكۈرتۈشىگە ئەگەشمەستىن ئىنسابلىق بولۇش، ئادالەتتىن ئايرىلماسلىق ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئۈستۈن ئورۇندا قويۇش… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.