
بالىلىرىمىزغا دۇئا يادلىتايلى ۋە دۇئا قىلىشقا قىزىقتۇرايلى
ئى ئاللاھ:
ئىمانىمىنى كۈچلۈك قىلسىلا،
پىكرىمنى ساغلام قىلسىلا،
ئەخلاقىمنى گۈزەل قىلسىلا،
ھىدايەت ۋە ئىنساب ئاتا قىلسىلا،
قۇرئان نۇرىدىن ۋە تىلاۋىتىدىن مەھرۇم قىلمىسىلا،
پەيغەمبەر يولىدىن ئايرىمىسلا،
دۇنيا- ئاخىرەتتە بەختلىك قىلسىلا،
ئەقلىمنى ئۆتكۈر قىلسىلا،
ئىلمىمنى زىيادە قىلسىلا،
بەدىنىمىنى ساغلام قىلسىلا،
قەلبىمنى پاك قىلسىلا،
رىزقىمنى كەڭ قىلسىلا،
ئاتا-ئانامغا ياخشىلىق قىلىدىغان ۋە ئىتائەت قىلىدىغان ياخشى ئەۋلادلارنىڭ قاتارىدىن قىلسىلا،
ئىسلام ۋە ۋەتەن- مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياخشى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن قىلسىلا،
ۋەتەن- مىللىتىمىزگە ئازادلىق ۋە ھۆرلۈك ئاتا قىلسىلا،
ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلسىلا،
دائىم نامازنى ئادا قىلىدىغانلاردىن قىلسىلا،
يامان ئىشلاردىن ۋە يامان دوستلاردىن ساقلىسىلا،
ناچار ئويۇنلاردىن ۋە گۇناھ نەرسىلەرنى كۆرۈپ قېلىشتىن ساقلىسىلا،
تېلېفون ۋە ئويۇنغا خۇمار بولۇپ ھاياتىمدا كېرەكسىز ئادەم بولۇپ قېلىشتىن ساقلىسىلا،
مەقسەتلىرىمگە يەتكۈزسىلە…
دەپ دۇئا قىلىشنى ئۆگىتەيلى.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي