
رامىزاندىكى بالىلار تەربىيەسى
رامىزان ئېيى بالىلارغا ئىمان روھىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت، رامىزاندىكى ئىمانى ھەقىقەتلەر ۋە ئىماننىڭ روھىنىڭ قاتارىدىن:
1. سەۋرچانلىق ياكى چىدامچانلىق:
بالىلار روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا چىداش روھىنى يېتىلدۈرىدۇ.
2. ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ دەيدىغان روھنى يېتىلدۈرۈش:
بالىلار روزا تۇتقاندا ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن بىر نەرسە يېمەيدۇ ۋە ئىچمەيدۇ.
3. مەسچىتكە باغلىنىش:
بالىلارنىڭ بامدات، خۇپتەن ۋە تاراۋى نامىزىنى ئوقۇش ئۈچۈن دادىسى بىلەن مەسچىتكە بېرىشى، بالىلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئىتائەت قىلىش، دۇئا قىلىش ۋە ياخشى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدۇ.
4. قۇرئان سۆيگۈسى:
بالىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە چوڭلارنىڭ قۇرئان كەرىم ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇلارنى دوراپ قۇرئان ئوقۇشقا باشلايدۇ، قۇرئان سۆيگۈسى تۇغۇلىدۇ ۋە قۇرئاننى رامىزاندا خەتمە قىلىشقا ئادەتلىنىدۇ.
5. ئائىلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىدۇ:
رامىزان ئېيى ئائىلىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ياخشى پۇرسىتى، چۈنكى ئائىلە ھەركۈنى داستىخاندا ئىككى قېتىم توپلىنىپ بىرگە تاماق يەيدۇ. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشنىڭ ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە بالىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەسسە قوشىدۇ.
6. سېخىيلىق: ئاتا-ئانىلار پەيغەمبىرىمىزنى ئۈلگە تۇتۇپ رامىزاندا سېخىيلىق قىلسا، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلسا، زاكات ۋە ياردەملىرىنى چىقارسا، بالىلار باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش روھىنى ئۆگىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بىر ئاز پۇل بېرىپ كەمبەغەل ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا بەرگۈزۈپ ئۆگەتسە، بالىلار سېخىيلىقنى تېز ئۆگىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي