قەلبنىڭ زاكىتىنى بېرىشنى ئۇنۇتماڭ
مال مۈلۈكنىڭ زاكىتى بولغاندەك قەلبنىڭمۇ زاكىتى بار.
ئاللاھ كىمگە چوڭ قەلب، كەڭ كۆڭۈل، ساپ يۈرەك ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلسۇن.
چۈنكى كۈنىمىزدە ئىنسانلارنىڭ قەلبنىڭ زاكىتىغا بولغان ئېھتىياجلىرى يانچۇقتىكى پۇلنىڭ زاكىتىغا بولغان ئېھتىياجلىرىدىن قېلىشمايدۇ.
يانچۇقتىكى زاكات كىشىلەرنىڭ قورسىقىنى بىرقانچە كۈنلۈك تويغۇزسا، قەلبنىڭ زاكىتى دەر-ئەلەملەرنى بىر ئۆمۈر يەڭگىللىتىدۇ.
قەلبنىڭ زاكىتى تونۇغان ياكى تونۇمىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق تارقىتىدۇ.
شۇڭا، بىر ئېغىز تاتلىق سۆز، ياخشى گەپ، توغرا مەسلىھەت ئارقىلىق قەلبى يارىلانغان، كۆڭلى يېرىم بولغان، يۈرىكى دەرد- ئەلەمگە توشۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تېرىشىڭ، قەلبىنىڭ يارىسىنى تېڭىشقا ئۇرۇنۇڭ، دەردلىرىنى يەڭگىللىتىشكە ھەرىكەت قىلىڭ، تەسەللى بېرىڭ، چىداملىق بولۇشقا تەشەببۇس قىلىڭ، كۈچىڭىزنىڭ يېتىشىچە خۇرسەن قىلىشقا تېرىشىڭ.
داستىخاندا ئورتاقلىشىڭ، زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ ۋە دوستلۇقىڭىزنى ئىزھار قىلىپ تۇرۇڭ.
چۈنكى چوڭ قەلبلەر، كەڭ كۆڭۈللەر كىشىلەر پاناھلىنىدىغان، راھەت ھېس قىلىدىغان ۋە ئەركىن نەپەس ئالىدىغان چوڭ ئۆيگە ئوخشايدۇ.
كىشىلەر بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بۇ تۈردىكى قەلبى كۆكسى كەڭ ۋە پاك كۆڭۈللۈك كىشىلەرگە ئىنتايىن موھتاج.
كىم بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولسا، قەلبىنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلسۇن.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.