
سىياسىي ھەرىكەتلەر كۈنىمىزدە ھەممىدىن نېمىگە موھتاج؟
سىياسىي ھەرىكەتلەر مۇسۇلمان بولۇش ئېتىبارى بىلەن: دۇنياۋى سىياسەت نەزەرىيەلىرى بىلەن بىرلىكتە، ئەقىدە تەربىيەسى، ساغلام ئىدىيە تەربىيەسى، نەپسىنى پاكلاش تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسى، شەرئى سىياسەت تەربىيەسىگە تەڭ قەدەمدە ئەھمىيەت بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ سەۋەبتىن، سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ ياكى پائالىيەتچىلەرنىڭ:
- ئىمان تەربىيەسىنى كۈچلەندۈرۈشكە،
- ئەخلاق تەربىيەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە،
- نەپسىنى پاكلاش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە،
- تىلىنى پاك تۇتۇشقا،
- ھەرقانداق مەيداندا ئادىل ۋە ئىنسابلىق بولۇشقا،
- مەنمەنچىلىك ۋە ئۆزئارا بىر-بىرىگە چوڭچىلىق قىلماسلىققا،
- ھەسەت، ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك كېسىلىدىن قۇتۇلۇشقا،
- بىر-بىرىگە ياردەم قولىنى سوزۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچلەندۈرۈشكە،
- گۇرۇھ مەنپەئەتىنى سىياسىي كۈرەش مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويماسلىققا،
- شەخسىي مەنپەئەتنى ئاممىۋى مەنپەئەتتىن ئۈستۈن قويماسلىققا،
- بىرسى خاتالاشقان بولسا، ئۇنىڭ خاتالىقىنى باشقىلارغا ئارتىپ زۇلۇم قىلماسلىققا ھەمدە كوللېكتىپ تۆھمەت قىلماسلىققا،
- تەشكىلاتلار باشقىلارنىڭ ئېتىبارىنى چۈشۈرۈپ ئۆرلەشكە ئۇرۇنماي، ئىلغار پىكىرلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا،
- ئۆزئارا قېرىنداشلىق ۋە كۆيۈنۈش روھىنى كۈچلەندۈرۈشكە،
- قۇرئان-سۈننەتنى ئاساس قىلغان ئەقىدە روھى ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرۈشكە ۋە ئۈمىدىنى تىرىك تۇتۇشقا،
- ھۆرلۈك كۈرىشىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ساغلام سىياسىي مەپكۇرە ئاساسىدا تەشكىللىك ھەرىكەت قىلىش ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا،
- مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكى، قىممەت قاراشلىرىنى ھۆرمەتلەشكە ۋە ھىمايە قىلىشقا،
- ئوڭچى ئاشقۇنلۇقتىن ۋە سولچى ئاشقۇنلۇقتىن ساقلىنىپ ئوتتۇراھال يول تۇتۇپ مېڭىشقا،
- تەشكىلاتلار راستتىنلا ئەقىدە ۋە ۋەتەن-مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان بولسا، مۇسۇلمانلىق ئەخلاقىغا لايىق ئىش قىلىپ، بۆرىلەر ۋادىسىغا ئوخشاش بىر-بىرىنى يىقىتىش، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش ۋە دۈشمەننى تاشلاپ قويۇپ ئىچكى جېدەل- ماجىرا پەيدا قىلىش …تەك ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىنىشقا جىددىي ئېھتىياج بار.
مانا بۇ يۇقىرىقى تەربىيەلەر ئىمان تەربىيەسى، ئەخلاق تەربىيەسى، قەلبنى پاكلاش تەربىيەسى ۋە سىياسىي كۈرەش تەربىيەسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.
بۇلارغا ئەھمىيەت بەرگەندە، سىياسىي ھەرىكەتلەر كۈچلىنىدۇ، ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈنۈپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ، پىتنە-پاسات ۋە جېدەل ماجىرادىن يىراق بولىدۇ، ھەمكارلىق كۈچىيىدۇ ۋە دۈشمەن غالچىلىرى ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرەلمەيدۇ…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.