
ئۇيغۇرلار بۇ زامانلاردا ئۈمىدكە ۋە ئۈمىدۋار بولۇشقا بەك موھتاج، باشقىلار ئۇيغۇرلارغا ئۈمىد يارىتىپ بېرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۈمىد دېگەن ئەقىدە، قىممەت قاراش، غايە، كىملىك، سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن ئىلمىي ھەرىكەت قىلىش ئاساسىدا يارىتىلىدۇ.
ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە سەمىمىي ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ بۇ كائىناتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش ھەمدە بۇ دۇنيادا سەۋەب-نەتىجە قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلغان ئاساستا ھەرىكەت قىلىش ئۈمىدۋار بولۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.