يەر تەۋرەشتىكى ئىمانىي نېمەتلەرنى قانداق بايقايمىز؟
ئاللاھنىڭ: «وَمَا نُرْسِلُ بِالآيَاتِ إِلاَّ تَخْوِيفاً» (ئىسرا،59) دېگەن ئايىتىگە ئاساسەن يەر تەۋرەش، سەل، ۋولقانغا ئوخشاش ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر ھايات قالغان ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە توغرا يولغا قايتۇرۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان سىگنالدۇر.
بۇ ئايەتكە ئاساسەن، يەر تەۋرەش ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولسا، مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ قەلبى تىرىلىدۇرۈشكە سەۋەب بولىدۇ، روھى ئۆلۈك ئىنسانلار سىلكىنىدۇ، ئۆلۈمنى ۋە قىيامەت كۈنىنى ئەسلەيدىغان بولىدۇ، ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھايات ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلايدۇ.
بۇ ھاياتتا ئەجىلى توشقان كىشىلەر نەدە بولسا ئۆلۈپ كېتىدۇ، لېكىن ئاللاھ يەر تەۋرەش، سەل ئاپىتى ۋە ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرگە ئىلتىپات قىلىپ شېھىتلىك مەرتىۋىسىنى ئاتا قىلغان.
شۇڭا، يەر تەۋرەشتەك ھادىسىلەردە مال دۇنيانىڭ يوقۇلۇپ كېتىشى ۋە ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشىدىن ئىبارەت زىياننىڭ مىقدارىغا قاراش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، ئاللاھنىڭ قانچىلىغان كىشىلەرنىڭ ئىمانىنى سىناۋاتقانلىقى، قانچىلىك ئىنسانلارنى غەپلەتتىن ئويغىتىپ ھىدايەت ئاتا قىلغانلىقىغا، قانچىلىغان كىشىلەرنى تەۋبە قىلىشقا ئالدىراتقانلىقىغا، قانچىلىغان كىشىلەرنى موھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنىدىغان سېخى قىلغانلىقىغا، قانچىلىغان كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگىمۇ قاراش لازىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىناقنىڭ بەزىلەرگە جازا بولسا، يەنە بەزىلەرگە رەھمەت بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «إن الله إذا أحب قوما ابتلاهم، فمن رَضِيَ فله الرِضا، ومن سَخِطَ فله السُّخْطُ» ئاللاھ بىر مىللەتنى ياخشى كۆرسە سىنايدۇ، ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ سىناقلىرىغا رازى بولۇپ سەۋر قىلسا، بۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، كىم سىناقلارغا چىدىيالماي تۇزكورلۇق قىلىپ، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولمىسا، بۇنىڭ جازاسىغا قالىدۇ» دېگەن (ئىمام ئەھمەد بايان قىلغان).
تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ دەردى ئېغىر بولسىمۇ، ئىماننىڭ تەقەززاسى بويىچە ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان ئىشنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ ھەربىر ئىشنى ھېكمەت بىلەن قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭرىلىكى ھەققىدە ئويلىنىش ۋە سەۋەب- نەتىجە قانۇنىيىتى بويىچە ئىش- ھەرىكەت قىلىش لازىم، چۈنكى ھېچقانداق بىر ئىنسان ئەجىلى كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، ئاللاھ تەقدىر قىلغان سىناقتىن ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلۇپ قالمايدۇ.
دېمەك، يەر تەۋرەش ۋە باشقا تەبىئىي ئاپەتلەر ئاللاھنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر، قىيامەت كۈنىدىكى يەر تەۋرەشكە تەييارلىق قىلدۇرۇش سىگنالىدۇر، خاتا يولدىن ۋە ئازغۇن پىكىرلەردىن توغرا يولغا قايتۇرۇش سىگنالىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.
2023- يىلى