
چوڭ گۇناھلار
قۇرئان-سۈننەتتىكى چوڭ گۇناھلارنىڭ ئۆلچىمى:
چوڭ گۇناھ دېگەن قۇرئان-سۈننەتتە دوزاخ ۋەدە قىلىنغان، ياكى ئازاب ۋەدە قىلىنغان، ياكى ئاللاھ غەزەپ قىلىدىغان، ياكى لەنەت قىلىنغان، ياكى ھارام قىلىنغان، ياكى ئىسلامنىڭ مەقسەتلىرى ۋە پىرىنسىپلىرىغا ئېنىق زىت كېلىدىغان گۇناھلاردۇر.
چوڭ گۇناھلار تۆۋەندىكىچە:
- ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ۋە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش،
- ئاللاھقا شەخس ۋە نەرسىلەرنى شېرىك قىلىش،
- ئاللاھنىڭ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە ئىشلىرىدا يېگانە ئىكەنلىكىدە، شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ ھەرقانداق ئەيىب نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىدە شەك قىلىش،
- ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھەققىدە يالغان سۆزلەش،
- ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرەرسىنى ئىنكار قىلىش،
- ئىسلامنىڭ ناماز، زاكاتقا ئوخشاش ئاساسلىرىغا ئەمەل قىلماسلىق،
- ھەقسىز ئادەم ئۆلتۈرۈش،
- ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش،
- زىنا قىلىش، بەچچىۋازلىق قىلىش ياكى چاقىرىش،
- ھاراق ئىچىش/ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش،
- پاك ئاياللارغا قارا چاپلاش،
- گۇناھسىز ئىنسانغا بوھتان چاپلاش ياكى تۆھمەت قىلىش،
- ئوغرىلىق قىلىش،
- قىمار ئويناش،
- جازانە يېيىش،
- يېتىمنىڭ مال مۈلكىنى يەۋېلىش،
- جەڭ مەيدانىدىن تامامەن قېچىش،
- كۆپ يالغان گەپ قىلىش،
- يالغان گۇۋاھلىق بېرىش،
- تىلىنى بۇزۇپ بىر مۇسۇلماننى تىللاش ۋە لەنەت ئوقۇش،
- كىبىرلىك ۋە رىياخورلۇق قىلىش،
- پارىخورلۇق قىلىش،
- سېھىر قىلىپ ئىنساننىڭ ئەقلىنى بۇلغاش،
- تارازىدا ساختىلىق قىلىش، سودا سېتىقتا ئالدامچىلىق قىلىش،
- باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش، تىنىۋېلىش، قويمىچىلىق قىلىش،
- بۇلاڭچىلىق ياكى قاراقچىلىق قىلىش،
- ھارام نەرسىلەرنى يېيىش، سېتىش ياكى ئېلان قىلىش،
- تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈۋېتىش،
- ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىز بولۇش،
- ئاياللارنىڭ يۈز ۋە قولدىن باشقا ئەزالىرىنى ئېچىپ قويىدىغان ئۆلچەمسىز كىيىملەرنى كىيىشى…
كوللېكتىپ خاراكتېرگە ئىگە چوڭ گۇناھلار
- تاجاۋۇزچى دۈشمەن ئۈچۈن خائىنلىق، ساتقۇنلۇق ۋە ئىشپىيونلۇق قىلىش،
- مىللەتنى بۆلۈش، پارچىلاش ۋە بىرلىشەلمەسلىك ئىدىيەلىرىنى تارقىتىش،
- ئىنسانلارنى قۇل قىلىش، سۈرگۈن قىلىش ياكى تۈرمىگە ھەقسىز تاشلاش،
- ئىنسانلارغا ئېتىقادى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن زۇلۇم قىلىش،
- مۇستەبىت زالىملارنىڭ زۇلۇمىنى ئاقلاش، يان بېسىش ۋە خىزمەت قىلىش،
- مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدە ۋە قىممەت قاراشلىرىغا ھۇجۇم قىلىش،
- ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن باش تارتىش ياكى مۇرتەت بولۇش،
- ئىنسانلارنى روشەن توغرا يولدىن توسۇش ياكى خاتا يولغا باشلاش،
- ئىسلامنىڭ روشەن پىرىنسىپلىرى ھەققىدە شۈبھە ۋە شەك پەيدا قىلىش،
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن دۇنياۋى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئىنكار قىلىش،
- ئىسلامنىڭ ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەقىل بىلەن ۋەھىينى، دىن بىلەن ئىلىم مەرىپەتنى، ئاخىرەت بىلەن دۇنيانى، دىن بىلەن دۆلەتنى بىرلەشتۈرگەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى رەت قىلىش ياكى شەك قىلىش،
- قېرىنداشلىق، بىرلىك ۋە ھەمكارلىقنى بۇزۇپ دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش،
- سۈننەتنى ئىنكار قىلىش، ئوڭچى ئاشقۇنلۇق ۋە سولچى ئاشقۇنلۇققا ئوخشاش ئازغۇن ئېقىملارنى تارقىتىپ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇش ۋە ئازدۇرۇش،
- ئاممىنىڭ/ ۋەخپەنىڭ/ مەكتەپنىڭ/ تەشكىلاتنىڭ مال-مۈلۈكىنى يەۋېلىش،
- سۇخەنچىلىك قىلىش،
- غەيۋەت قىلىش،
- ھەسەت قىلىش،
- فېيسبۇك، ۋاتساب ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بوھتان چاپلاش، تۆھمەت قىلىش، تىلىنى بۇزۇپ ئادەم تىللاش، ھاقارەت قىلىش، مەسخىرە قىلىش،
- فېيسبۇك، ۋاتساب ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا پىتنە-پاسات تېرىش، ئۆسەك سۆز ۋە مىش-مىش پاراڭلارنى تارقىتىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئۆز ئارا ئۆچمەنلىك، ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىك ئۇرغىنى چېچىش،
- بىر كىشى خاتالاشقان بولسا، ئۇنىڭ خاتالىقىنى بىر توپ كىشىلەرگە ئارتىپ كوللېكتىپ تۆھمەت قىلىش…قاتارلىقلار.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي
ماقالىنىڭ pdf نۇسخىسى: