
بالىلارنى نامازغا كۆندۈرۈش ئۇسۇللىرى
1. بالىنىڭ ئالدىدا ناماز ئوقۇڭ ۋە بىرگە ئوقۇشقا چاقىرىڭ،
2. بالىغا پاتىھە سۈرىسىنى ۋە باشقا بىرقانچە سۈرىنى يادلىتىڭ،
3. بالىغا نامازنىڭ مۇھىملىقىنى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئىنسان بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ.
4. بالىنى نامازنىڭ ۋاقتىغا رىئايە قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈڭ ۋە نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىپ- قىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ،
5. بالىنىڭ ئوقۇش، ئويۇن ۋە باشقا ئىشلىرىنى نامازنىڭ ۋاقتىغا زىتلاشتۇرماي ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
6. نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇڭ، ۋاقتىدا ئوقۇسا مەدھىيەلەڭ ۋە بەزىدە مۇكاپاتلاپ قويۇڭ،
7. ناماز ئوقۇشقا ياردەم بېرىدىغان ۋە بىرگە ئوقۇيدىغان ياخشى دوست تېپىپ بېرىڭ،
8. بالىلار ئارىسىدا نامازغا بەسلىشىش روھىنى كۈچلەندۈرۈڭ ۋە قۇرئان كەرىمنى ئەڭ ياخشى ئوقۇيدىغاننى نامازغا ئىمام قىلىڭ.
9. بالىلارغا نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدىغان پەيغەمبەرنىڭ ۋە ئالىملارنىڭ ھاياتىنى سۆزلەپ بېرىڭ،
10. بالىدىن ئەزاننى ئاڭلىغاندا، سىزگە نامازنىڭ ۋاقتىنى ئەسلىتىپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىڭ.
11. نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشتا بالىغا ئۈلگە بولۇڭ،
12. بالىنى بامدات نامازغا چىرايلىق ئۇسۇلدا ئويغىتىپ ئادەتلەندۈرۈڭ،
13. نامازنى ئىمانغا، ئەخلاققا ۋە ئاللاھ سۆيگۈسىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈڭ،
14. بالىنى نامازغا كۆندۈرۈشتە تەدرىجىي يول تۇتۇڭ،
15. بالىلار بالاغەت مەزگىلىدە نامازغا سەل قاراپ قالسا، نامازنى ئېسىگە سېلىپ تۇرۇڭ، ناماز ئوقۇمىسا بۇنىڭغا يول قويماڭ، نامازدىن ۋاز كەچكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ھەققى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنى ھەممە ئىشتىن بۇرۇن ئادا قىلىشنىڭ لازىملىقىنى ھەر كۈنى ئەسلىتىپ تۇرۇڭ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.