ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تەقەززاسى
ئىسلامنىڭ تەۋھىد ئەقىدىسى ئىسلامنىڭ دۇنيا قارىشىدۇر.
تەۋھىد ئەقىدىسى ھەقىقەت، ھايات، رېئاللىق، دۇنيا، زامان، ماكان، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئومۇمىي دۇنيا قاراشتۇر.
تەۋھىد ئەقىدىسى ئىسلامنىڭ جەۋھىرى بولغاندەك، ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭمۇ جەۋھىرىدۇر.
تەۋھىد تارىخنىڭ ۋە مەۋجۇدىيەتنى ئىزاھلاشنىڭ ئاساسىدۇر،
تەۋھىد مېتود پىرىنسىپىدۇر،
تەۋھىد ھەقىقەت مەنبەسىنىڭ بىرلىكنىڭ دەلىلىدۇر،
تەۋھىد ئەخلاق پىرىنسىپىدۇر،
تەۋھىد دۇنياۋى ئىجتىمائىي تۈزۈم پىرىنسىپىدۇر،
تەۋھىد سىياسىي تۈزۈم پىرىنسىپىدۇر،
تەۋھىد ئىقتىسادى تۈزۈم پىرىنسىپىدۇر،
تەۋھىد ئادالەت ۋە باراۋەرلىك پىرىنسىپىدۇر،
تەۋھىد ئازادلىق ۋە ئەركىنلىك پىرىنسىپىدۇر،
تەۋھىد ئۈممەتنىڭ سىياسىي بىرلىك پىرىنسىپىدۇر،
تەۋھىد دۇنيانى گۈللەندۈرۈش پىرىنسىپىدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي