خىتايلارنىڭ دۈشمەنلىك قىلىش سەۋەبى مۇستەملىكىدۇر
خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا قىلىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلە مۇستەملىكە ياكى تاجاۋۇزچىلىق مەسىلىسىدۇر، چۈنكى بۇ يەردە خىتايدىن ئىبارەت مۇستەملىكىچى، ئۇيغۇردىن ئىبارەت مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مەھكۇم مىللەت مەۋجۇت.
خىتايپەرەسلەدىن باشقا ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدىغان بۇ ھەقىقەت بېشىمىزغا كېلىۋاتقان بارلىق مۇسىبەت، خاپىلىق، زۇلۇم ۋە خورلۇقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىقنى دىنىمىزغا، مۇسۇلمانلىقىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە، قىممەت قاراشلىرىمىزغا ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىمىزگە باغلاش سىياسىي دۆتلۈك، ئىدىيە بۇزۇقلۇقى ، دۈشمەنگە خىزمەت قىلغانلىق، مىللەتنىڭ ئىرادىسى ۋە كىملىكىنى ھاقارەت قىلغانلىق، مىللەتنى تاجاۋۇزچى بىلەن چىقىشىپ ياشاش ئىدىيەسىگە باشلايدىغان ساتقۇنلۇقتۇر.
بېشىمىزغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ ئەسلىي سەۋەبى دىنىمىز ئەمەس، بەلكى ئەقىدىمىزگە سادىق بولمىغانلىقتۇر، دىنىمىزنى قۇرئان-سۈننەتتىن ئىبارەت ئەسلىي مەنبەسىدىن ساغلام چۈشەنمىگەنلىكتۇر، ساختا دىندارلىقتۇر، ساختا ۋەتەنپەرۋەرلىكتۇر، بۆلۈنۈشتۇر ۋە ساتقۇنلۇقتۇر. بۇ سەۋەبتىن ۋەتەننى تارتقۇزۇپ قويدۇق.
21- ئەسىردىمۇ داۋاملىشىۋاتقان دەھشەتلىك زۇلۇمنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ۋەتەنسىزلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشنىڭ ساغلام يولى جانلىق ئەقىدە ۋە ساغلام ئىدىيە ئاساسىدا قۇللۇق ئېڭىدىن قۇتۇلۇشتۇر، دۈشمەننى دۈشمەن دەپ بىلىشتۇر ۋە شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىشتۇر. ۋەتەننى قايتۇرۇپ ئېلىش بىرىنچى قىلىپ شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئەقىدە مەجبۇرىيىتىدۇر، ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىدۇر، ۋىجدانىي تۇيغۇسىدۇر ۋە ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىكىدۇر.
شۇڭا، ئاقمايدىغان سەۋەبنى باھانە قىلىپ، ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىش، بىر پۈتۈن كىملىكىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، قىممەت قاراشلىرىمىزنى كەمسىتىش دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ۋە كۆرسەتمىلىرىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقتۇر، سىياسىي كۈرەشنى دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقتۇر. بۇ قىلمىش سىياسىي دۆتلۈك بولغاندىن سىرت، مىللەتنىڭ تۇيغۇسىغا ئازار بەرگەنلىكتۇر، مىللەتنى پارچىلاشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر ۋە مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن كىملىكىگە قىلىنىۋاتقان دۈشمەنلىكتۇر.
شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، بۇ مىللەتنىڭ سىياسىي كۈرەش يولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان روھ ئىسلام روھىدۇر، تاجاۋۇزچىغا باش ئەگمەسلىك ئىرادىسىنى ئاتا قىلىدىغان روھ ئىسلام ئەقىدىسىدۇر، بۇ مىللەتنى يەنە ئورنىدىن دەس تۇرغۇزىدىغان روھ ئوڭچى ئاشقۇنلۇق ۋە سولچى ئاشقۇنلۇقتىن خالىي بولغان ساغلام ئىسلام ئېتىقادىدۇر ۋە مىللەتنىڭ كىملىكىگە رىئايە قىلىدىغان مىللىي روھتۇر.
شۇڭا، تاجاۋۇزچى دۈشمەننىڭ زۇلۇم قىلىش سەۋەبىنى دىنىمىزغا، مۇسۇلمانلىقىمىزغا ۋە دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئارتىپ قويۇش مىللەتنى قايمۇقتۇرغانلىقتۇر ۋە دۈشمەننى چىرايلىق كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقتۇر. بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، تىبەت مىللىتى كاپىر بولسىمۇ، ئىسلام پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلمىسىمۇ، قىز ئاياللىرىنىڭ بېشى ئوچۇق بولسىمۇ، يەنىلا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ…
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.