كىرىش سۆز
ئاخىرقى ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزگە بۇ دىننى ۋە بۇ دىننىڭ ئاساسى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلگىلى 14 ئەسىردىن ئاشتى. بۇ جەرياندا پەيغەمبەرنىڭ ۋارىسلىرى بولمىش ساناقسىز ئىسلام ئۆلىمالىرى دۇنياغا كەلدى ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ، قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ خىزمىتىنى تازا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدى.
پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىدىن 14 ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن بىزلەرگە بۇ دىننىڭ مانا مۇشۇنداق ساپساغلام ھالدا يېتىپ كېلىشىنى ۋە بىزنىڭ بۇ دىننىڭ مەنسۇپلىرى بولۇش شەرىپىگە نائىل بولۇشىمىزنى ئەنە شۇ مۆھتەرەم زاتلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراش مۇمكىن ئەمەس. ئەمما، بۇ جەرياندا يەنە ئىسلام كارۋىنىنى كۆزلەپ ماڭغان نىشانىغا يېتىشتىن توسۇشقا ئۇرۇنىدىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدىلا، ئۆزىدىن كېيىن پات – پات ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن ئالدىن خەۋەر بەرگەن شىئەلەر، خاۋارىجلار، مۇرجىئىيلەر… دېگەندەك نۇرغۇن ئازغۇن پىرقىلەرمۇ كەم بولماي كەلدى. جۈملىدىن، ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋېلىشقان بىر تائىپىمۇ ئەنە شۇ ئازغۇن پىرقىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇلار «قۇرئانغىلا ئەمەل قىلىش» باھانىسى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى رەت قىلىشتى، بۇنىڭغا قوشۇپ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەرنى توغرا چۈشىنىش مېتودىغا دەپ تۈگەتكۈسىز تۆھپىلەرنى قوشقان سەلەف – سالىھلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەسەرلىرىنى ۋە قىممەتلىك قاراشلىرىنىمۇ ھەر خىل باھانىلەر بىلەن رەت قىلدى.
بۇ تائىپە تارىخ جەھەتتە خېلى ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرىلا ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، كېيىنكى بىرقانچە يىل ئىچىدە، بولۇپمۇ ھازىر بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدىمۇ بىر قىسىم قاراقورساقلار تەرىپىدىن بۇ تائىپىنىڭ ئەزالىرى كۈنسېرى كۆپىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇن قاراشلىرىنى ھەدەپ بازارغا سالماقتا.
بۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلامنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى قۇرئان كەرىم بولۇپ، قۇرئانغا ھەرقانداق بىر مەنبە قوشۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق قىلغانلىق، قۇرئان ئېلىپ كەلگەن دىندىن باشقا بىر دىن ئويدۇرۇپ چىقارغانلىق، ھەتتا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئاساسىي نىشانى بىزگە قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ ھەدىس ۋە سۈننەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭ ئەڭ توغرا ھەم ئەڭ مۆتىۋەر ئىزاھاتى بولغان سۈننەتتىن ئايرىپ، ئۇنى ھەركىم ئۆزى خالىغانچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرەلەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز خاھىشلىرىغا ئۇيغۇن بىر دىن ئويدۇرۇپ چىقىرىشتۇر.
بۇلارنىڭ قارىشىچە، ھەدىسلەرگە ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھەدىسلەر پەيغەمبەرنىڭ ۋاپاتىدىن بىر – ئىككى ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، «مۇھەددىس» دەپ ئاتالغان كىشىلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاللاھ تائالا پەقەت قۇرئان كەرىمنىلا قوغداشقا كېپىل بولغان، ھەدىسنى قوغداشقا كېپىل بولمىغان، شۇڭا ھەدىس رىۋايەتلىرى ھېچقاچان يالغاندىن خالىي ئەمەس. يەنە بۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلامدا بىرەر نەرسىنى ھالال ياكى ھارام قىلىش پەقەت ئاللاھنىڭلا ھوقۇقى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ھەتتا پەيغەمبەر بولسىمۇ بىرەر نەرسىنى ھالال ياكى ھارام قىلىشى سالاھىيىتى بولمايدۇ.
ھالبۇكى، قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىنى مۇسۇلمانلارغا چۈشەندۈرۈش ۋە ئىزاھلاش سالاھىيىتىگە ئىگە تۇنجى كىشى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆز ئالدىغا بەزى نەرسىلەرنى ھالال قىلىپ، يەنە بەزى نەرسىلەرنى ھارام قىلالايدىغان سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىۋاسىتە ئۇقتۇرۇلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گەرچە قۇرئاندا كەلمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ دىنغا ئائىت ھەرقانداق گېپىنىڭ ھاۋايى – ھەۋەسكە تايانمايدىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇنىڭمۇ ۋەھىي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن؛ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىلگەن؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلغانلىق ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق ھېسابلىنىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دوست تۇتۇشنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشكە ۋەسىلە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە قەيت قىلىنغان؛ يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرقانداق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن قايتا – قايتىلاپ ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋە بۇنداق قىلىشنىڭ پىتنە – پاساتقا ياكى ئېغىر ئازابقا قېلىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن؛ مۇسۇلمانلار بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ياكى بىرەر مەسىلىدە دەتالاش قىلىشىپ قالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىقارغان ھۆكۈمگە چىن قەلبىدىن رازى بولۇشقا بۇيرۇلغان ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكمىگە رازى بولمىغانلارنىڭ ئىمان ئېيتقان ھېسابلانمايدىغانلىقى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلغان.
قۇرئان كەرىمدىكى مانا مۇشۇ خىل بايانلارغا ئاساسەن، پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گەپ – سۆزلىرى، ئىش – ھەرىكەتلىرى ۋە ماقۇللۇقلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىسنىڭ نامى بولغان «سۈننەت»نىڭ قۇرئان كەرىمدىن قالسىلا، ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسىي مەنبەسى ئىكەنلىكىدە بىردەك قاراشتا بولغان. چۈنكى، قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىن كىشىگە نىسبەتەن ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىسا، ھەقىقىي مۇئمىن بولالمايدىغانلىقى قايتا – قايتا تەكىتلەنگەن. يەنە كېلىپ، قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىن ئايرىۋېتىلگەندە، ئۇنى ھەركىم ئۆزى خالىغانچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرەلەيدىغان، خۇددى ئەينى چاغدا شىئەلەر، خاۋارىجلار، مۇرجىئىيلەر ۋە قەدەرىيەلەر دېگەندەك ئازغۇن تائىپىلەر قىلغاندەك، ھەركىم ئۆزلىرىنىڭ يامان غەرىزى ئۈچۈن سۇيىئىسېتمال قىلالايدىغان ھالغا كېلەتتى. چۈنكى، قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرى بىر داغدام يول بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى مەزكۇر داغدام يول ئۈستىدىكى يول بەلگىلىرى ئىدى، قۇرئان كەرىمنى قانداق چۈشىنىشنى، ئەمەلىي ھاياتقا قانداق تەتبىقلاشنى ئۆگىتەتتى. قەيەردە توختاپ، قەيەردە مېڭىشنى كۆرسىتەتتى.
مانا ئەمدى ئۆزلىرىنى «قۇرئانچىلار» دەپ ئاتىۋالغان بۇ تائىپە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئالدى بىلەن پەيغەمبەرلىكنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى، ئاندىن ئىلگىرىكى ھەرقانداق سەلەف – سالىھ ئۆلىمالارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن يازغان قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى ۋە بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان كۆزقاراشلىرىنى رەت قىلىپ، قۇرئاننى ئۆزلىرى خالىغانچە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا؛ بۇ دىننى ۋە بۇ دىننىڭ ئاساسى بولغان قۇرئان كەرىمنى ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدىن ئايرىلغان، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان، تېخىمۇ ئوچۇقراق ئېيتقاندا، غەرب دۇنياسىدىن باشلاپ ھازىرقى پۈتۈن ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ، بولۇپمۇ شەرقسۇناسلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك بىر دىن ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركەشمەكتە.
بۇ كىتابچە مانا مۇشۇ تائىپىنىڭ كىملىكى، ماھىيىتى ۋە غەرەزلىرىنى، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا تاشلىغان شۈبھىلىرى، ئىنكارلىرى ۋە يالغانچىلىقلىرىنى پاش قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى قوغداش، ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ ئانا مەنبەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئازراق بولسىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى. ئاللاھ تائالا يازغۇچىغا ۋە ئوقۇرمەنلەرگە ئىككىلا دۇنيادا مەنپەئەتلىك قىلغاي!