قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
1. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى : «رَّسُولَ ٱللَّهِ وَخَاتَمَ ٱلنَّبِيِّـۧنَۗ» (ئەھزاب سۈرىسى، 40- ئايەت) بايان قىلماقتا.
2. ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئاللاھتىن ۋەھىي قوبۇل قىلىدىغان ئالاھىدە ئىنسان ئىكەنلىكىنى: «إِنَّمَآ أَنَا۠ بَشَرٞ مِّثۡلُكُمۡ يُوحَىٰٓ إِلَيَّ» (كەھف سۈرىسى، 110- ئايەت) ئەسكەرتمەكتە.
3. ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىلاھىي شەرىئەتنىڭ قىيامەتكە قەدەر داۋام قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنى: «قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡ جَمِيعًا» (ئەئراف سۈرىسى، 157 – ئايەت).
4. ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىسلام دىنىنىڭ قىيامەتكە قەدەر ئاللاھ تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنىدىغانلىقىنى: «إِنَّا نَحۡنُ نَزَّلۡنَا ٱلذِّكۡرَ وَإِنَّا لَهُۥ لَحَٰفِظُونَ» (ھېجىر، 9 – ئايەت).
5. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى يەتكۈزگۈچى، ئىزاھلىغۇچى ۋە قۇرئاننىڭ ئىخچام پىرىنسىپلىرىنى سۆزلىرى ۋە ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق تەپسىلىي بايان قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى: «وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلذِّكۡرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيۡهِمۡ وَلَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ» (نەھل سۈرىسى، 44 – ئايەت) جاكارلىماقتا.
6. ئۇنىڭ قىيامەتكە قەدەر بارلىق ئىنسانىيەتكە رەھمەت ۋە ئادالەت بولۇپ كەلگەنلىكىنى : «وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا رَحۡمَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ» (ئەنبىيا سۈرىسى، 107 – ئايەت).
7، ئۇنىڭ ئەخلاقىنىڭ ھەممە ئىنسانلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ ھەممىدىن ئىلغار ئىكەنلىكىنى: «وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٖ» (قەلەم سۈرىسى، 4 – ئايەت). «وَعَلَّمَكَ مَا لَمۡ تَكُن تَعۡلَمُۚ» (نەجىم سۈرىسى، 5 – ئايەت).
8. ئۇنىڭ مۆمىنلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكىنى: «لَّقَدۡ كَانَ لَكُمۡ فِي رَسُولِ ٱللَّهِ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ لِّمَن كَانَ يَرۡجُواْ ٱللَّهَ وَٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ» (ئەھزاب سۈرىسى، 21 – ئايەت).
9. ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغانلىق بولىدىغانلىقىنى:«مَّن يُطِعِ ٱلرَّسُولَ فَقَدۡ أَطَاعَ ٱللَّهَۖ»(نىسا سۈرىسى، 80 – ئايەت).
10. ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ ئاللاھنى سۆيۈشنىڭ شەرتى ئىكەنلىكىنى: «قُلۡ إِن كُنتُمۡ تُحِبُّونَ ٱللَّهَ فَٱتَّبِعُونِي يُحۡبِبۡكُمُ ٱللَّهُ» (ئال ئىمران، 31 – ئايەت)
11. ئۇنىڭ يولىغا ئەگىشىشنىڭ ھىدايەت يولى ئىكەنلىكىنى :«وَإِن تُطِيعُوهُ تَهۡتَدُواْۚ» (نۇر سۈرىسى، 54 – ئايەت).
12. ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئالدىغا باشقا بىرسىنىڭ سۆزىنى قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى:«يٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُقَدِّمُواْ بَيۡنَ يَدَيِ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۖ»(ھوجۇرات،1-ئايەت)
13. ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە پەيغەمبەر سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشنىڭ كېرەكلىكىنى: «مُّحَمَّدٞ رَّسُولُ ٱللَّهِۚ» (پەتىھ سۈرىسى، 29 – ئايەت).
14. ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ بەرگەن سالاھىيىتى بىلەن قانۇن چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى: «يَأۡمُرُهُم بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَىٰهُمۡ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُحِلُّ لَهُمُ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَيُحَرِّمُ عَلَيۡهِمُ ٱلۡخَبَٰٓئِثَ» (ئەئراف سۈرىسى، 157 – ئايەت).
15. ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە قارشى چىققان ياكى ھۆرمەتسىزلىك قىلغان كىشىنى دوست تۇتۇشنىڭ ئىمان دەرىجىسىدىن چىقىرىپ تاشلايدىغان ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى: «لَّا تَجِدُ قَوۡمٗا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ يُوَآدُّونَ مَنۡ حَآدَّ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَوۡ كَانُوٓاْ ءَابَآءَهُمۡ أَوۡ أَبۡنَآءَهُمۡ أَوۡ إِخۡوَٰنَهُمۡ أَوۡ عَشِيرَتَهُمۡۚ» (مۇجادىلە، 22- ئايەت).
16. ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئىتائەت قىلماسلىقنىڭ پۈتۈن ياخشى ئىشلارنى بىكار قىلىپ تاشلايدىغانلىقىنى: «يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَلَا تُبۡطِلُوٓاْ أَعۡمَٰلَكُمۡ» بايان قىلماقتا (مۇھەممەد سۈرىسى، 33 – ئايەت).
17. ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىك بىلەن دۆلەتنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى: «وَأَنِ ٱحۡكُم بَيۡنَهُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ» (مائىدە سۈرىسى، 49 – ئايەت).
يەنە: «يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُواْ ٱلرَّسُولَ وَأُوْلِي ٱلۡأَمۡرِ مِنكُمۡۖ فَإِن تَنَٰزَعۡتُمۡ فِي شَيۡءٖ فَرُدُّوهُ إِلَى ٱللَّهِ وَٱلرَّسُولِ إِن كُنتُمۡ تُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ» (نىسا سۈرىسى، 59 – ئايەت)
18. ئۇنىڭ بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغانلىقىنى: «لَقَدۡ جَآءَكُمۡ رَسُولٞ مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ عَزِيزٌ عَلَيۡهِ مَا عَنِتُّمۡ حَرِيصٌ عَلَيۡكُم بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ رَءُوفٞ رَّحِيمٞ» (تەۋبە سۈرىسى، 128 – ئايەت).
19. ئۇنىڭ خاتالاشمايدىغان مەسۇملۇقىنى ۋە مۇتلەق ھەقىقەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى: «وَاللَّهُ يَعْصِمُكَ مِنَ النَّاسِ» (مائىدە سۈرىسى، 67- ئايەت). «وَمَا يَنطِقُ عَنِ ٱلۡهَوَىٰٓ إِنۡ هُوَ إِلَّا وَحۡيٞ يُوحَىٰ» (نەجىم سۈرىسى، 3 – ئايەت).
20. ئۇنىڭ دەۋىتىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادى، جېنى، ئەقلى، ئىززەت- ئابرۇيى، مال -مۈلۈكى، ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن كەلگەن دەۋەت ئىكەنلىكىنى: «إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُ بِٱلۡعَدۡلِ وَٱلۡإِحۡسَٰنِ وَإِيتَآيِٕ ذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَيَنۡهَىٰ عَنِ ٱلۡفَحۡشَآءِ وَٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡبَغۡيِۚ يَعِظُكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ» (نەھل سۈرىسى، 90 – ئايەت) دەپ ئېنىق ئاشكارا جاكارلىغان.
دېمەك، سۈننەت ئىنكارچىلىرى بۇ مەزمۇندىكى نۇرغۇن ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتمايدۇ، ئەمەل قىلمايدۇ ۋە ئۇ ئايەتلەرنىڭ روشەن كۆرسەتمىلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. شۇڭا، بۇلار قۇرئانچىلار ئەمەس، بەلكى قۇرئان ۋە سۈننەتنى تەڭ ئىنكار قىلغۇچىلار، ئازغۇندۇر، زىندىقلاردۇر ۋە يېڭى شەكىلدىكى ئاتېئىزمچىلاردۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.