
نامازنى قايتىدىن باشلىۋېلىڭ
ئەھۋالىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلغۇڭىز بارمۇ؟
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرگىنىڭىز بارمۇ؟
دۇئايىڭىزنىڭ ئىجابەت بولۇشىنى خالامسىز؟
كۆڭۈل راھىتى، يۈرەك راھىتى ۋە بېشىڭىزنىڭ راھىتىنى خالامسىز؟
دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى خالامسىز؟
تەۋبە قىلغۇڭىز بارمۇ؟ ھاياتىڭىزنى يېڭىدىن رەتكە سالغۇڭىز بارمۇ؟
ئۇنداقتا، نامازنى قايتىدىن باشلىۋېلىڭ.
چۈنكى ناماز ئىسلامنىڭ تۈۋرۈكى، دىننىڭ ئاساسىي، مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتى ۋە دىندارلىقنىڭ ئىپادىسى.
نامازنى باشلىۋېلىڭ، چۈنكى ئۆلۈم چوڭ- كېچىك ياكى باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىپ ئولتۇرماي كېلىۋېرىدۇ.
نامازنى باشلىۋېلىڭ، چۈنكى ھايات سىز ئويلىغاندىن قىسقا. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۆلۈم ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ.
نامازنى قايتىدىن باشلىۋېلىڭ، چۈنكى ناماز ئوقۇماسلىق جەھەننەمگە كىرىپ قېلىشقا سەۋەب بولىدۇ (مۇدەسسىر سۈرىسى، 42 – 43 – ئايەتلەرنىڭ مەنىسىگە قاراڭ).
نامازنى باشلىۋېلىڭ، چۈنكى مۇسۇلمان قىيامەت كۈنىدە بىرىنچى بولۇپ نامازنى تولۇق ياكى كەمچىل، ئۆلچەملىك ياكى ئۆلچەمسىز ئادا قىلغانلىقى ھەققىدە ھېسابقا تارتىلىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «ئىنسان قىيامەت كۈنى بىرىنچى قىلىپ ناماز ھەققىدە ھېسابقا تارتىلىدۇ. ئەگەر ئۇ نامازنىڭ ھېسابىدىن ئۆتەلىسە قۇتۇلۇپ قالىدۇ ۋە نەتىجە قازىنىدۇ. ئەگەر نامازنىڭ ھېسابىدىن ئۆتەلمىسە زىيان تارتىپ كېتىدۇ» دەيدۇ (تىرمىزى، ئەبۇداۋۇد ۋە باشقىلار بايان قىلغان).
نامازنى بەش ۋاقىت تولۇق ئادا قىلىڭ، بەش ۋاقىت نامازنىڭ پەرزلىرى ۋە پەرزنىڭ ئالدى كەينىدىكى سۈننەتلىرىگە سەل قارىماي ئادا قىلىڭ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي