دۈشمەننىڭ ئويۇنلىرىغا كىرىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھالقىلىق مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ مېڭىش مۇھىم
توقۇنۇشلاردىكى غەلىبە قىلىش مېتودى پەقەتلا بەدەن كۈچى ياكى ھەربىي تەييارلىق بىلەن بولمايدۇ، بەلكى توقۇنۇشنى ياكى كۈرەشنى توغرا ئىدارە قىلىش ۋە توقۇنۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بويىچە ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بولىدۇ.
كۈرەش ياكى توقۇنۇش قانچە كەسكىن ۋە سەزگۈر بولغانچە ئەقىدە، كىملىك، ھۆرلۈك، مۇستەقىللىق، قىممەت قاراش ۋە ئادالەت دېگەندەك پىرىنسىپال مەسىلىلەرگە ئېسىلىپ مېڭىش، ئېغىر بېسىق بولۇش ۋە دۈشمەننىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان تارماق ئىشلارنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرمەسلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
ھەر زامان توقۇنۇشتىكى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئاساسلىق كومپاس قىلىپ ھەرىكەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەگەر توقۇنۇشتا ئاساسلىق مەسىلە بەلگىلەنمىگەن بولسا، ئۇ چاغدا تارماق ئىشلار ئاۋارە قىلىدۇ. تارماق ئىشلار ئاساسلىق ئىشلارغا تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆز ھەجىمىدىن ئارتۇق ئورۇن ئېلىۋالماسلىق كېرەك.
دۈشمەننىڭ ھەر دائىم توقۇنۇش مەيدانىدىكى كىشىلەرنى تارماق ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلماقچى بولىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق كېرەك. بۇ سەۋەبتىن تارماق كۈرەش مەيدانلىرىغا تارتىپ كېتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ياكى يىراق تۇرۇش مۇھىم.
ئاساسلىق مەسىلىگە چوڭ ئورۇن بېرىش، تارماق ئىشلارغا ئۆز ھەجىمىدىن ئارتۇق ئورۇن بەرمەسلىك توقۇنۇشتىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە مۇھىم ئامىلدۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي