بارلىق قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن
ئىسلامدىكى ھېيتنىڭ مەنىسى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى خۇرسەنلىكتۇر. ھېيتتىكى ئەڭ يۈكسەك خۇرسەنلىك ھەج ئىبادىتىگە ۋە ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ئىبادەتكە چېتىلغان بولغاچقا، ھېيتنى ئاللاھقا يېقىنلىشىش، ئىتائەت قىلىش، ھەر نامازدىن كېيىن تەكبىر ئېيتىش ئارقىلىق تەۋھىدتىن ئىبارەت ئىسلام شوئارىنى جاراڭلىق ئىپادىلەش، ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق نامايان بولىدۇ.
ھېيت خۇرسەنلىكى ئاتا- ئانىنى يوقلاپ ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ خۇرسەن قىلىش، ئايالىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە خۇرسەن قىلىش، بالىلىرىنى ھېيتلىق كىيىم ۋە پۇل بىلەن خۇرسەن قىلىش، ئۇرۇق -تۇغقانلارنى يىغىلىپ ھېيت قىلىش ئارقىلىق خۇرسەن قىلىش، قېرىنداش ۋە دوستلارنى زىيارەت قىلىپ خۇرسەن قىلىش، بىر مۇسۇلماننىڭ خۇرسەنلىكى ئۈچۈن خۇرسەن بولۇش، ھەرتۈرلۈك سەدىقە ۋە قۇربانلىق گۆشلىرى ئارقىلىق موھتاجلارنى خۇرسەن قىلىش، قېرىنداشلار ئارىسىدىكى كونا ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ ۋە كەچۈرۈم قىلىپ خۇرسەن قىلىش، ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى ھېيتلىشىش، گۇناھ بولمايدىغان ساياھەتلەر، ئويۇنلار ۋە كۈلكە- چاقچاقلار بىلەن خۇرسەن قىلىش…تا نامايان بولىدۇ. مانا بۇلار ھېيتنىڭ تەقەززاسى ۋە تەلىپىدۇر.
ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قىلغان قۇربانلىقىنى ۋە ياخشى ئىشلىرىنى قوبۇل قىلسۇن، قۇربان ھېيتنى خۇرسەن ئۆتكۈزگىلى نېسىپ قىلسۇن، غەمكىن دىللارغا خۇرسەنلىك ۋە ئۈمىد ئاتا قىلسۇن، زىندانلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا سەۋر ۋە چىقىش يولى ئاتا قىلسۇن، ۋەتىنىمىزگە ھۆرلۈك ئاتا قىلسۇن، دىنىمىزغا ئەركنلىك، مىللىتىمىزگە ئىناقلىق ۋە بىرلىك ئاتا قىلسۇن.
بارلىق قېرىنداشلارنىڭ، ئېزىز مىللىتىمىزنىڭ ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.