مۇسۇلمان ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش
مۇسۇلماننىڭ بىرىنچى كۈرەش مەيدانى قەلبىنى پاكلاش، نەپسىنىڭ يولسىز تەلەپلىرى بىلەن جىھاد قىلىش ۋە نەپسىنى ناچار ئىللەتلەردىن تازىلاشتۇر. چۈنكى قەلبنى پاك تۇتالىغان ۋە نەپسىنىڭ يولسىز تەلەپلىرىگە قارشى جىھاد قىلالىغان مۇسۇلمان دۈشمەنگە قارشى مۇستەھكەم تۇرالايدۇ.
قەلب پاكلىقىغا سەل قارالغاندا، قەلبنى غەپلەت باسىدۇ، ھەرتۈرلۈك شەھۋەتلەر قەلبكە سىڭىپ كىرىپ، قەلبنى ۋە ئەخلاقنى بۇزۇۋېتىدۇ. شۇڭا، قەلب دائىم پاكلاپ تۇرۇشقا، خاتا ئىدىيە ۋە ناچار ئىللەتلەردىن تازىلاپ تۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ.
قەلبنىڭ نۇرى ئۆچۈپ قالماسلىقى ياكى ئاجىزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىمان دائىم كۈچلەندۈرۈپ تۇرۇشقا، ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرۇشقا، ئىدىيەنى تۈزىتىپ تۇرۇشقا، زىكىر ئېيتىپ تۇرۇشقا ۋە تەۋبە قىلىپ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشقا موھتاج بولىدۇ.
نەپسىنى پاكلاشقا سەل قارىغان ئىنسان، ھەرتۈرلۈك شەھۋەت، شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرى ۋە ناچار مۇھىت ئالدىدا بەل قويۇۋېتىپ، پىرىنسىپلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ، ياكى قىممەت قاراشلىرىنى ساتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. مۇنداق ئىنسان ھۆرلۈك ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىدە بىر ئىشقا يارىمايدۇ.
بۇ سەۋەبتىن، قەلبنى ئىسلاھ قىلىش، نەپسنى پاكلاش، ئەخلاقىنى تۈزىتىش مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى نەپسىنى پاكلاش جىھاد يولدىكى، ئىسلاھات يولىدىكى، سىياسىي كۈرەش يولىدىكى ئەڭ مۇھىم قورال سانىلىدۇ. چۈنكى قەلب پاكلىقى، ئاللاھقا يېقىنلىشىشنىڭ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە ياردىمىگە ئېرىشىشنىڭ، شۇنىڭدەك ئىش-ھەرىكەتنىڭ ساغلام بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى ھېسابلىنىدۇ.
دېمەك، تەزكىيە ھەرىكىتى كۈچلەنسە، ئىمان كۈچلىنىدۇ، ئەخلاق تۈزىلىدۇ. ئەمما تەزكىيە ھەرىكىتى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئىماننىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى تەسىرى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ۋە ئەخلاقى بۇزۇلۇشقا باشلايدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي