دادىنىڭ يېشىغا يەتكەن ياشلار ھاياتىدىكى رولى
بالىلار بالاغەت يېشىغا يەتكەندە قوللاشقا ۋە يول كۆرسىتىشكە موھتاج بولىدۇ. بالىلارغا يول كۆرسىتىش ۋە سۆزىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ باسقۇچتا دادا بىلەن ياشلارنىڭ ئارىسىدا ساغلام مۇناسىۋەت قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
1. ياشلارنىڭ سۆزىنى تولۇق ئاڭلاش ئاندىن يول كۆرسىتىش:
ياشلارنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق ئاڭلىماي تۇرۇپ نەسىھەت قىلىشقا باشلىماڭ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ پىكرىنى ھۆرمەتلىگەندە، ئاندىن ئىشەنچ مۇناسىۋىتى قۇرۇلىدۇ.
2. ئۇنى كۆزىتىشتىن ئىلگىرى ئۈلگە بولۇش:
ياشلار گەپ – سۆزنى ئەمەس، يۈرۈش -تۇرۇشنى دورايدۇ، سىز باشقىلارنى ھۆرمەتلەپ مۇئامىلە قىلسىڭىز، ياكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا تىنچ ۋە ئېغىر بېسىق بولسىڭىز، ئۇلاردا ئۇنتۇلمايدىغان قىممەت قاراش يارىتىدۇ. ئۈلگە بولۇپ تەربىيەلەش مىڭ قېتىم بۇيرۇق بەرگەندىن كۈچلۈك بولىدۇ.
3. تاللاش ئىختىيارلىقى بېرىش ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش:
ياشلارنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماڭ، گۇناھ ياكى خەتەر بولمايدىغان ئىشلاردا ئۆزىنىڭ قارار ئېلىشىغا يول قويۇڭ، ئۇنىڭ خاتالىقلىرى ھەققىدە ئېغىر بېسىقلىق ئىچىدە تالاش تارتىش قىلىڭ، تەجرىبە قىلىپ ئۆگىنىشكە يول قويۇڭ، چۈنكى ياشلارنىڭ بۇ باسقۇچتا مۇستەقىل ئىش قىلىش تۇيغۇسىغا ئېھتىياجى بولىدۇ.
4. مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن، سەن قىلالايسەن دەپ تۇرۇڭ:
يۇقىرىقى جۈملە بىلەن ماختاپ تۇرۇڭ، تەنقىدتىن بەكرەك ماختاپ تۇرۇڭ، خاتالىشىپ قالسا دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىپ قالمايدىغانلىقىنى، بەلكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ. ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزالىشى ئۇنى دوستلارنىڭ ياكى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بېسىمىدىن ھىمايە قىلىدىغان قالقان ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ.
5. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرۇڭ:
ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇش ئۇزۇن ۋاقىتقا موھتاج بولمايدۇ، بەلكى مېڭىپ كېتىپ بېرىپ پاراڭلىشىش، بىرەر تاماقنى بىرگە يەپ كۈلۈشۈش، بىرگە ئايلىنىپ كېلىش…كە ئوخشاش زامان كۇپايە قىلىدۇ.
6. سەزگۈر تېمىلار ھەققىدە پاراڭلىشىشتىن قاچماڭ:
ياشلار بىلەن دوستلۇق، مۇھەببەتلىشىش، بەدەن ئۆزگىرىش، دەرسنىڭ بېسىملىرى… دېگەندەك سەزگۈر تېمىلار ھەققىدە پاراڭلىشىشتىن قاچماڭ. بۇ تېمىلارنىڭ توغرا-خاتاسى ھەققىدە بالىڭىز دوستلىرىدىن ئىلگىرى سىزگە تايىنىدىغان ئىشەنچلىك مەنبە بولۇپ بېرىڭ.
7. بۈگۈنكى ياش ئەتىنىڭ ئەركىكى:
ياشلار بىلەن خۇسۇمەتچى سۈپىتىدە ئەمەس، چوڭ ئادەم سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىڭ، ئۇنىڭ خاتالىشىپ قالسىمۇ ئايلىق چىقىملىرىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، ياكى قىزىقىشىنى ئۆزى تاللاش، ياكى ئۆينىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش…دېگەندەك يېشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئېلىشقا قىزىقتۇرۇڭ. يىقىلىپ قالسا ئىزدەيدىغان يۆلەنچۈكى بولۇڭ.
8. ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ساۋاب بولىدىغان ئىشلارغا ھەقسىز ياردەملىشىش…دېگەندەك ئىشلارغا قىزىقتۇرۇڭ. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە باشقىلارنى ھۆرمەتلەش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش ۋە ھېسداشلىق قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش قىممەت قاراشلىرىغا تەشەببۇس قىلىڭ.
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بالىڭىز سىزنىڭ ئوخشاش نۇسخىڭىز بولمايدۇ، لېكىن سىزنىڭ تەربىيە تەسىرىڭىز ئۇنىڭ شەخسىيىتى ياكى كىملىكىنىڭ بىر پارچىسى بولىدۇ. شۇڭا، ئالاقىڭىزنى كۈچلەندۈرسىڭىز، ئارىڭىزدا ئىشەنچ، ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ پەيدا قىلىدۇ ۋە نەسىھەتىڭىزنى ئاسان ئاڭلىتالايسىز.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.