ئىسلام دىنىمىز قۇرئان كەرىم بىلەن ھاياتلىقنى تەڭ ئوقۇشقا بۇيرۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆزلۈكسىز ئوقۇشقا، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇشقا، پىكىرلىرىنى مۇراجىئەت قىلىپ تۇرۇشقا ۋە باشقىلارنىڭ ئىجابىي پىكىرلىرىدىن پايدىلىنىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ.
شۇنداقلا، بۇ بۇيرۇق مۇسۇلماندىن ئوقۇشنى بىرەر باسقۇچتا توختىتىپ قويماسلىقنى ھەمدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىزچىل تەپەككۇر قىلىشتىن توختاپ قالماسلىقنىمۇ تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى ئوقۇشتىن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختاپ قېلىش دېمەك دۇنيانىڭ ئارقىدا قېلىش دېمەكتۇر.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي