تەشۋىقات قورالى پايدىڭىزغا ياكى زىيىنىڭىزغا خىزمەت قىلىدۇ
ئىنتېرنېت، كامېرا، تېلېفون ۋە باشقا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئىككى بىسلىق قورالدۇر. بۇ قورالنى ئىشلىتىۋاتقانلار ئىككى پەرىشتىنىڭ ھەرقانداق زامان ۋە ھەرقانداق ئورۇندا يېزىلىۋاتقان، سۆزلىنىۋاتقان، پىچىرلىشىۋاتقان ۋە پىلانلىنىۋاتقان گەپ- سۆزلەرنى بىرمۇ – بىر يېزىپ خاتىرىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك.
بۇ قورالنى ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىش، ياخشى ئىشلارغا چاقىرىش، يامان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دىنى ۋە مىللىي بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇش، قېرىنداشلار ئارىسىدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈش، مىللەتنىڭ ئاڭ ساپاسىنى ئاشۇرۇش، ئادالەت ۋە ھۆرلۈك كۈرىشى ئۈچۈن پايدىلىنىش، دۈشمەننىڭ ھىيلە-مىكىر توزاقلىرىنى ئېچىپ تاشلاش ۋە پۈتۈن كۈچنى دۈشمەنگە قارىتىش ئۈچۈن ئىشلەتسە ساۋاب بولىدۇ.
ئەمما يامان ئىشلارغا تەشەببۇس قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، تۆھمەت قىلىش، بىر شەخس سادىر قىلغان مەسئۇلىيەتنى جامائەت ياكى تەشكىلاتقا ئارتىپ زىيانكەشلىك قىلىش، قېرىنداشلىقنى بۇزۇش، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا زىددىيەت تېرىش، ياخشى كىشىلەرنى يامان كۆرسىتىش، شەيتاننىڭ ئەسكىرىگە ئايلىنىپ ئۆزئارا كۈشكۈرتۈش، شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللەتنى قايمۇقتۇرۇش، ئەقىدە ۋە ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلارنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىشلەتسە، ئېغىر گۇناھ بولىدۇ.
بۇ قوراللارنىڭ ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىرى شەخسى ياكى كوللېكتىپكە كۆرسەتكەن تەسىرىگە قارىتا پەرقلىنىدۇ ھەمدە ساۋاب – گۇناھىمۇ شۇنىڭغا قارىتا يېزىلىدۇ.
ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي.